مىسىردا ئۆكتىچىلەرگە بېسىم كۆپىيىدۇ

 جاھان ئاگېنتلىقى 24-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئىمزالىغان يېڭى قانۇن، تىنچلىق قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىش ھۇقۇقى «مىللىي بىخەتەرلىك ۋە ئۇمۇمى تەرتىپ» سەۋەبىدىن تېخىمۇ كېڭەيتىلىدۇ. يېڭى چىقرىىلغان قانۇندا «مىللىي بىخەتەرلىك ۋە ئۇمۇمى تەرتىپ» نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىش ھۇقۇقى بېرىش ھەققىدە كەڭ توختالغان. قانۇنغا ئاساسلانغاندا، سوتچىلار سوت مەھكىمىسدىن گۇمانلىق كىشىلەرنى «تېرورچى» دەپ ئاتاپ سوتلاشنى تەلەپ قىلالايدۇ. يېڭى قانۇندا يەنە تېرورچى دەپ ئىلان قىلىنغان گۇرۇپ ۋە كىشىلەرنىڭ چەكلىنىشى ۋە مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىش قاتارلىق قارالار چىقىرىلغان.

مىسىردا 2013-يىلى ئىيۇلدا دۆلەتنىڭ دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغان تۇنجى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى ھەربى ئىنقلاب بىلەن تەخىتتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەربى ھۆكۈمەت بولغان سىسى ھۆكۈمىتى دەسلەپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قانچە سىياسىي گۇرۇپپىلارنى چەكلىدى ۋە تېرورچى تەشكىلاپ دەپ ئ‍ېلان قىلغان ئىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى ئ‍ۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى ۋە ياكى ئېغىر تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم بولدى. نۇرغۇنلىغان ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى مىسىردىكى ئەھۋاللارغا قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ھەربى ئىنقلاب ھۆكۈمىتى قارارىدا چېكىنىش بولمىدى ۋە نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشنى كېڭەيتىپ داۋاملاشتۇردى. 3-ئىيۇل ھەربى ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئاۋغۇست ئېيىدا قاھىرەدىكى مىڭلارچە نامايىشچى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىنسان ھەق-ھۇقۇقلىرى رىئايە قىلىنمىغان مىسىردا ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ ئارمىيە ۋە ساقچى دائىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى ئوتتۇرغا چىقتى. ئەلجەزىرە ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن ئاۋاز ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشچە، ئىبراھىم ھەربى ئ‍ىنقلابقا قارشى چىققان نامايىشچىلارنى چەكلەش ئۈچۈن ئارمىيە ۋە ساقچىلاردىن بارچە كۈچىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەلجەزىرەنىڭ قولدىكى ئاۋاز ھۆججىتىدە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم سابىق پرېزىدىنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ تۈرمىگە كىرىشى بىلەن ئ‍اخىرلاشقان 30-ئىيۇل نامايىشلىرىغا ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ زور ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئىبراھىم ئاۋاز ھۆججىتىدە، «ھەممىمىز بارلىق رەھبەرلەر، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھۆكۈمىتى ۋە ئىسلامچىل سىياسەت ئېقىمىغا قارشى. سىلەر بىلەن 30-ئىيۇلدىن بۇرۇن يىغىن ئاچتۇق، ئېسىمدە قېلىشچە شۇ يىغىندا سىلەرگە 30-ئىيۇل نامايىشىغا ياردەم بېرىشىڭلارنى ئېيتقان ئىدىم. بەلكى ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئوچۇق شەكىلدە ئېيتالمىدىم، ئەمما سىلەر مەقسىتىمنى چۈشەنگەن ئىدىڭلار، شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن تەلىماتلار ياخشى چىقتى، ھېچكىم بىرەر مىنۇت ئىككىلىنىشتە بولمىدى» دەپ سۆز قىلغان.

ئاۋاز ھۆججىتىدە يەنە، ئىبراھىمنىڭ كەلگۈسىدە بولىدىغان ھەرقانداق بىر نامايىشقا قارشى ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىىشى كىرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى مەلۇم بولغان، ئىبراھىم ئاۋاز ھۆججىتىدە؛«ھەرقانداق بىر قارشىلىق نامايشى بولسا ئۇنىڭغا كەسكىن شەكىلدە مۇداخىلە قىلىڭلار، بۇ شەكىلدىكى نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە رۇخسەت قىلماڭلار، ئەگەر زۆرۈر بولسا مەسچىتتىن چىقىۋاتقان ۋاقىتتا مۇداخىلە قىلىڭلار، ئۇلارغا نامايىش قىلىشقا پۇرسەت بەرمەڭلار،بىرەر 100 كىشىنىڭ توپلىشىپ قېلىشىغا ھەم رۇخسەت قىلماڭلار. چۈنكى بۇ 100 كىشى 1000 ياكى 2000 بولۇپ قالىدۇ، ئۇ ئەھۋالدا قىيىن ئەھۋالدا قالىمىز، ئەگەر قارشىلىق نامايىشى يۈز بېرىپ قالسا نامايىشچىلارغا قانداق قىلساڭلار بولىدۇ» دەپ سۆز قىلغان.



25-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek