جاھان ئاگېنتلىقى 8-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىدا 2014-يىلى يانۋاردىن بۇيان ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشى سانى 1500 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكىدا يېقىندا خۇسۇسەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ساقچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى جىددى سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى ئامېرىكا مىقياسىدا نارازلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قوزغلىشىغا سەۋەب بولدى. ساقچىلار تەرىپىدىن يېقىندا ئۆلتۈرۈلگەن قارا تەنلىك ياشلاردىن Michael Brown, Eric Garner, Walter Scott ۋە Freddie Gray ئاخبارات ساھەسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ۋە نامايىشلارنىڭ باش تىمىسىغا ئايلاندى.
ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ئالاقىدار «FBI» ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما يەرلىك ئەمەلدارلار بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى يۇشۇرۇن قالماقتا.
بۇ مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات توپلاۋاتقان "Killed by Police" ئورنىنىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىل بېشىدىن بۇيان 16 ئاي ئىچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 1500 گە يەتكەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قارا تەنلىك ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىكەن.
ئامېرىكىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ساغلام بىرەر مەلۇمات بېرىلمىدى، يۇقارقى ۋەقەلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى قارشىلىق نامايىشلىرى كۆپەيمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved