2014-يىلى 13-دېكابىر جۇڭگو نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان تۇنجى دۆلەت تەزىيە كۈنىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگوغا قوشنا ئەللەردىكى مۇتەخەسسىس ۋە تىنچلىقپەرۋەر زاتلار دۆلەت تەزىيە كۈنى تەسىس قىلىشقا قانداق قارايدۇ؟
نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى 30 نەچچە يىل تەتقىق قىلغان ياپونىيە سۇرىگاداي ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى ئىننوئې ناگايشۇگاي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت تەزىيە كۈنى تەسىس قىلىشى ئۇرۇشنىڭ پاجىئەسىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاش ھەمدە ئۇنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ شۇنداقلا بۇ ياپونىيەنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلاردىن ئاگاھ بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
كورېيە شەرقىي شىمالى ئاسىيا تارىخ مالىيە گۇرۇھىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جادوڭچا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى خاتىرە كۈنى ۋە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە كۈنى تەسىس قىلىشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە رادىئاتسىيەلىك ئۈنۈم بېرىپ، دۇنيا خەلقىنى تارىخنى ئۇنتۇماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ.
تايلاندتا چىقىدىغان «ئاسىيا گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيەن فېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە كۈنى تەسىس قىلىشى ھەم تارىخىي ئەھمىيەتكە ھەم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز تارىخنى ئۇنتۇمايدۇ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ تارىخنى ئىنكار قىلىشىغا ۋە بۇرمىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.
مالايسىيا مالاي ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي لېكتورى لىن دېشۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق دۆلەت تەزىيە كۈنى تەسىس قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. بۇ ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەققانىي نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ شۇنداقلا ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved