سۇرىيە مېدىيەلىرىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ۋە ئەلقائىد تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى ئەل-نۇسرە فرونتى سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى تايانچ نۇقتىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىكەن
سۇرىيە «ۋەتەن گېزىتى»نىڭ ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، ئىككى ئاشقۇن تەشكىلاتنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 72 سائەت ئىچىدە دەمەشىق شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يارمۇق مۇساپىرلار لاگىرى ۋە ھەجەرئەسۋود بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىكەن.
خەۋەردە ئۇلارنىڭ قايسى يۆلىنىشكە چېكىنىدىغانلىقى دېيىلمىگەن، ئەمما ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى رەققا ئۆلكىسى ۋە شىمالىدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىگە چېكىنگەن.
«ۋەتەن گېزىتى»دە دېيىلىشىچە، ئاشقۇن قوراللىق ئۇنسۇرلار چېكىنگەندىن كېيىن، يەرلىك باشقا ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلات بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزەيدىكەن.
سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ خادىمى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاشكارىلىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ياراشتۇرۇشىدا دەمەشىق شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، «ئىسلام دۆلىتى» ۋە ئەل-نۇسرە فرونتىنىڭ تەخمىنەن 2000 قوراللىق ئۇنسۇرى دەمەشىق شەھىرىنىڭ جەنۇبى ئەتراپىدىن چېكىنىدىكەن.
«ئىسلام دۆلىتى» 2015-يىلى 4-ئايدا يارمۇق مۇساپىرلار لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ قىسىم رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 2.1 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ پەلەستىن مۇساپىرلار لاگىرى دەمەشىق شەھەر مەركىزىگە پەقەت 8 كىلومېتىرلا كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved