تېڭشۈن تەنتەربىيىسى بۈگۈنكى تەنتەربىيە خەۋەرلىرى جەۋھەرلىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
1.لى زوڭ ۋېي يەنە بىر قېتىم چىمپىيۇنلۇقنى قولدىن بېرىپ قويدى.
5-ئاينى25-كۈنى ھىندىستان يېڭى دېھلى خەۋىرى ئۇدا5نۆۋەت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن مالايسىيا پەي توپ ماھىرى لى زوڭ ۋېي بۇ قېتىم چىمپىيۇن بولۇشقا ئەڭ يېقىنلاشقان ئىدى چۈنكى مالايسىيانىڭ رەقىبى ئەمەلىي كۈچى ئۆزىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان ياپونىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشەتتى ئالدىنقى5نۆۋەتتە بولسا دۇنيا پەي توپ زومىگىرى جۇڭگۇ كوماندىسى ئىدى ئەپسۇس لى زوڭ ۋېي تۇنجى مەيدان تاق بەسلىشىشتە يېڭگەن بولسىمۇ لىكىن كوللىكتىپ كۈچ جەھەتتە ياپونىيەكوماندىسىغا تەڭ كىلەلمەي بۇ نۆۋەتمۇ ئىككىچىلىككە ئېرىشتى، شۇنى دەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى ياپونىيە كوماندىسى بۇ قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىنى3-0نەتىجە بىلەن شاللىۋىتىپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن. مالايسىيە بولسا ساھىبخان ھىندىستان كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ تارىختا بۇ تۈردە دۇنيا لەۋھە تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىگە كىرەلمىگەن تۇنجى قېتىملىقى ، ياپونىيە كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردە چىمپىيۇن بولۇشىمۇ تارىختا تۇنجى قېتىملىقى.
2.مادرېد تەنھەرىكەتچىللىرى كوماندىسىنىڭ تېرنىرى سىموننى6مەيدان چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن چەكلەندى.
5-ئاينىڭ26-كۈنى«ئەينەك گىزىتى» خەۋىرىدە ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىى ئېلىپ بېرىلغان كۈنى مادرېد تەنھەرىكەتچىللىرى كوماندىسى تېرنىرى سىموننى بىلەن خان مادرېد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا بىكى ۋارانې قاتتىق تۇقۇنۇشۇپ قالغان سىموننى يەنە باش رېپىر كۇپې غىمۇ سەت گەپلەنى قىلىپ ھاقارەتلىگەن شۇنىڭ بىلەن سىموننى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان يەنى كىلەر پەسىللىك چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن6مەيدان چەكلەنگەن بۇ ئۇنىڭ كىلەر پەسىللىك چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەيداندا تۇرۇپ كوماندىغا يىتەكچىلىك قىلاممايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇسابىقە داۋامىدا ۋارانې سىموننىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سىموننى مەيدان ئىچىگە كىرىپ ۋارانې بىلەن تاكاللاشقان ئارقىدىن باش رېپىر ۋارانې غا سېرىق كارتا جازاسى سىموننىغا قىزىل كارتا جازاسى بېرىپ مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved