جاھان ئاگېنتلىقى 9-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: 2- روسىيە دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ناتسىت گېرمانىيەسىگە قارشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشمىدى. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋىت ئىتتىپاقى ناتسىت گېرمانىيسىگە قارشى ئۇرۇشتا غەلبە قازانغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ غەلبىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەش مۇراسىمى موسكىۋادىكى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى. روسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇرۇشتا قۇربان بولغان بارلىق ئەسكەرلەرنى ئەسلەش ئۈچۈن بىر مىنۇت ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى. روسىيە ئارمىيسى مۇراسىمغا 16 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر، 194 ھەربىي ماشىنا، 143 ئايرۇپىلان ۋە تىك ئۇچار قاتناشتۇردى. ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش مۇراسىمىغا ئەزەربەيجان، ئەرمەنىيە، بىلاروسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، موڭغۇلىيە، سىربىيە ۋە جۇڭگو پىيادە قىسىم ئەسكەرلىرى قاتناشتى.
ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئىنقىلابى قۇربانلىرىنى خاتىرلەنگەن ۋە 30 دۆلەتتىن رەھبەرلەر قاتناشقان بۇ مۇراسىمغا غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرى قاتناشمىدى. ھىندىستان، جۇڭگو ۋە كۇبا رەھبەرلىرى روسىيە رەھبىرى پۇتىنغا ھەمراھ بولدى. ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنى ئەسلەش يۈزىسىدىن مىڭلىغان كىشى ئۇرۇشتا قازا قىلغان يېقىنلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇرۇشتا ئۆلگەن دادىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى.
ھەربىي پارات مۇراسىمىغا قاتناشمىغان ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى يەكشەنبە كۈنىدىكى گۈل قۇيۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. پۇتىن مۇراسمغا ئاكتىپ قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار ۋەكىللىرى بىلەن كېرمىل سارىيىدا ئۇچراشتى.
1941-1945- يىللىرى ئارىسىدا 27 مىليون سوۋىت ئىتتىپاقى پۇقراسى ئۆلگەن، پەقەت ئۇكرائىنيەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىلا 10 مىليونغا يېقىن. بۇلاردىن 3.5 مىليونى ئەسكەرلەر ئىدى.
ئۇكرائىنىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا 8 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقى ناتسىت گېرمانىيەسىگە قارشى غەلبە قازانغانلىقىنىڭ 70 يىللىق ھارپىسىدا ئۇكرائىنىيەدە غەلبە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved