ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى « دادىۋوپۇ بېكىتى » دە 18-ماي سائەت نۆلدىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 14-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، مېترو لىنىيەسى قۇرۇلۇشى مېھمان كۈتۈش شىمالىي 1- يولى( نېفىت دىدىياۋچۇ ئالدىدىكى يول بۆلىكى )دىكى قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، قورشالغاندىن كېيىن مېھمان كۈتۈش شىمالىي 1-يولىنىڭ شەرقىي يۆنىلىشىدە قاتناش توختايدىكەن. مېھمان كۈتۈش شىمالىي 1-يولىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان يول بۆلىكىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئىككى يېنىدىكى پىيادىلەر يولى پىيادىلەرنىڭ نورمال مېڭىشى ئۈچۈن قويۇپ قويۇلىدىكەن.
قاتناش ساقچى تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئەسلىدىكى شەھەر شىمالىي غول لىنىيەسىنىڭ شەرقتىن غەربكە قاراپ ماڭغان ئايرودۇرۇم يۆنىلىشىدە يۈرىدىغان ئاپتوموبىللار شەھەر شىمالىي غول لىنىيە مېھمان كۈتۈش شىمالىي 1-يولىنىڭ يول ئېغىزىدىن ئوڭغا ئەگىلىپ دىدىياۋچۇ ئائىلىلىكلەر قۇرۇسى كەەينىدىكى ۋاقىتلىق يان يولدا يۈرسە ياكى ئەننىڭچۇ يولى، مېھمان كۈتۈش يولىنى ئايلىنىپ مېڭىشنى تاللىۋالسا بولىدۇ؛ ئايرودۇرۇمدىن چىقىپ غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان ساي يولى يۆنىلىشىدە ماڭىدىغان ئاپتوموبىللار مېھمان كۈتۈش يولى شىمالىي 1-يولى ئېغىزىدىن سولغا ئەگىلىپ دىدىياچۇ ئائىلىلىكلەر قورۇسى كەينىدىكى ۋاقىتلىق يان يولدىن يۈرسە ياكى مېھمان كۈتۈش يولىنى ئايلىنىپ يۈرۈشنى تاللىۋالسا بولىدۇ.
مېترو 1-لىنىيەسى « دادىۋوپۇ بېكىتى »نىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە قاتناشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرى قۇرۇلۇشنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن. قاتناش ساقچى تارماقلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىنى قۇرۇلۇش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ يول يۈرۈش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، يول يۈرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش قائىدىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى ئەسكەرتىدۇ.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved