تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا تۆت ماشىنا ئارقىمۇ-ئارقىدىن سوقۇلۇشتى

        3-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 9:50 ئەتراپىدا، تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا قاراپ ماڭغان يۆلىنىشتىكى تۇز كۆل ھەق تاپشۇرۇش پونكىتىغا 50 مېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكىدە، يول زىيادە تېيىلغاق بولۇش تۈپەيلى 4 ماشىنىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قاتناش يۇقىرى تارماق ئەترىتى داۋانچىڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇ قېتىملىق ۋەقەدە بەشەيلەن يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ، شۇ ھامان دوختۇرخانىغا داۋالاشقا ئېلىپ بېرىلغان، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە قىستاڭچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

تۈنۈگۈن، قاتناش يۇقىرى تارماق ئەترىتى داۋانچىڭ چوڭ ئەترىتى ئەترەت باشلىقىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەترەتتىكى خادىملارنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بارغان ئىكەن. شۇ كۈنى، داۋانچىڭ چوڭ ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى تۇز كۆل ھەق تاپشۇرۇش پونكىتى ئەتراپىدىكى يول بۆلىكى قارلىق ھاۋا رايى تۈپەيلى تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن، ئاقىۋەتتە ئىككى پىكاپ تۇز كۆل ھەق تۆلەش پونكىتىغا 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا سوقۇلۇشقان بولۇپ، ئىككى ماشىنا ئىگىسى ماشىنىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىمەستىن شۇ جايدىلا ماشىنىسىنى توختاتقان.

        قاتناش ساقچىسى ياڭ خەيجۈن : «ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھادىسىنىڭ ئىككى ماشىنىغا ھېچقانداق چوڭ زىيان بولمىغان، نورمال يۈرۈشكە تەسىرى بولمىغان بولسىمۇ، ئىككەيلەن ماشىنىنى شۇ جايدىلا توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ توغرا-خاتالىقنى تالىشىشقا باشلىغان، بۇ چاغدا ئۈچۈنچى پىكاپ تورمۇزنى تۇتقان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي بۇ ئىككەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى سوققان، بۇ ۋاقىتتا ئۈچ ماشىنىدىكى ئۈچەيلەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېنىك يارىلانغان. تۆتىنچى پىكاپمۇ ئوخشاشلا تورمۇز تۇتقان بولسىمۇ يول تېيىلغاق بولۇشى سەۋەبلىك ئۇلارغا سوقۇلغان، ئاقىۋەتتە جەمئىي بەشەيلەن يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ، بىز ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق» دېدى.

ياڭ خەيجۈننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا ماڭغان تاق يۆلىنىشتىكى ماشىنىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى ھەر كۈنى تەخمىنەن 6000 ئەتراپىدا ماشىنا ئۆتىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇ سان 9000 غا يېقىنلاشقان.

نۇر تورى تەشۋىقاتى ھەر قايسى شوپۇر دوستلارنىڭ قىش پەسلىدىكى سوغۇق ۋە قارلىق ھاۋا رايىدا ماشىنا ھەيدىگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز !



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-02-2016
مىسىر تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11 -فېۋرال سەھەردە ئاسۋاندىن پايتەخت قاھىرەگە ماڭغان پويىز بەنسىف شەھىرى ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 73 ئادەم يارىلانغان. مىسىر تىرانسىپورت مىنى...
06-02-2016
          يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ. 1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش    باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
06-02-2016
         يىقىندا، ھىندىستان JBM گوروھى 2016-يىللىق ھىندىستان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پۈتۈنلەي يېڭى نۇسخىدىكى توكلۇق ئاپتوبۇسى EcoLife نى ئېلان قىلغان. بۇ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى JBM بىلەن پولشا ئاپتوبۇس شىركىتى...
05-02-2016
       4-فېۋرال سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭشى گۈي ليۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى گۈيلىندىن ليۇجۇ يۆنىلىشىدە بىر خېيلۇڭجياڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان يېرىم چاتما پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىپ، گۈيلىن ليۇجۇ ...
05-02-2016
        ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى         شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
05-02-2016
          چاغاندىن ئاۋۋالقى تۆت كۈندە شىنجاڭ ئىچىدىكى قىسقا ئارلىققا قاتنايدىغان يولۇچىلارنى توشۇش باشلاندى. 4-فېۋرال تۆمۈر يولدىكى يولۇچىلار ئېقىمى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇب...
05-02-2016
     ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج خ مىنىستىرلىقى، قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەشنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ بىۋاستە شوپۇرلۇق...
04-02-2016
       مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 24-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە بولغان چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولىدا ئۇزىتىلغان يولۇچى مىقدارى 740...
03-02-2016
      خېيۈەن شەھىرى زىجىن ناھىيىسىدىكى مەلۇم تورداشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن (2-فېۋرال) چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا زىجىن ناھىيىسى گۇجۇ بازىرى شاڭشيادۇڭ كەنتى يول بۆلىكىدە غەيرىي قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇ...
03-02-2016
       2016-يىلى 2-فېۋرال، خاڭجۇ تيەنمۇشەن يولى بىلەن گۇيى يولىنىڭ چېتىشما ئېغىزىدا قىزىل رەڭلىك فارارى يول ئوتتۇرىسىدىكى توسۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ موللاق ئېتىپ ماشىنا چاقى ئاسمانغا قارىغىنىچە ۋولكېسۋاگېن ماركىلىق ئاپتوموب...
Powered by Leglek