ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .روسىيە زۇڭلىسى مېدىۋېدېۋ شۇ جاي ۋاقتى 20-يانۋار ،رۇسىيىنىڭ ئىلگىرى ئۇكرائىنا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىگە ئاساسەن ،1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئوكرائىنانى ئېتىبارلىق گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .روسىيە زۇڭلىسى مېدىۋېدېۋ شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹ رۇسىيىنىڭ ئوكرائىنانى ئېتىبارلىق گاز بىلەن تەمىنلىشى قوللاش يۈزىسىدىن بولغان ،ئەمما بۇ قوللاشنىڭمۇ چېكى بار.ئۇكرائىنا بۇنى چۈشىنىشى كېرەك .ئېتىبار يۈزىسىدىن گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بار .›.
مېدىۋېدېۋ مۇنداق دېدى :‹ 1-ئاپرېلدىن باشلاپ روسىيە ئۇكرائىانى ئېتىىبارلىق گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ .بۇ روسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەش توختامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .يېڭى گاز بىلەن تەمىنلەش باھاسى ئىككى تەرەپ ئىلگىرى تۈزگەن تەبئىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاساسىدا تۈزۈلىدۇ ۋە بېكىتىلىدۇ .روسىيە ئۇكرائىنا بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان تەبئىي گاز ھەمكارلىقى ساھەسىدىكى تۈرلۈك لايىھلەرنى ھەر ۋاقىت تەييارلاپ تۇرىدۇ ›
2014-يىلى 30-ئۆكتەبىر روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىريۇسىلدا قىش پەسلىدىكى
گاز يەتكۈزۈش ئۆتكۈنچى لايىھە كېلىشىمى ئىمزالىدى .كېلىشىمدە 2014-يىلى 1-نويابىردىن 2015-يىلى 31-مارتقىچە ،روسىيە ئوكرائىنانى ھەر مىڭ كۇب مېتىر گازنىڭ 100دوللارلىق ئىمپورت قىلىندىغان تەبئىي گاز باھاسىنىڭ ھەر مىڭ كۇب مېتىرنىڭ 385 دوللاردىن ئاشماسلىقى ئېنىق قىلىپ بېكىتىلدى .تەبئىي گاز مەسىلىسىدە روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرسىدا تالاش تارتىش يۈز بەردى ھەم ئۇكرائىنا رۇسىيىگە بېرىدىغان يېقىلغۇ تەبئىي گاز پۇلىنى بەرمەي كەينىگە سۈرگەچكە ،روسىيە بۇلتۇر ئىيۇندا ئوكرائىنانى تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى .ئۇكرائىنا روسىيەگە 3 مىليارد 100 مىليون دوللار قەرز پۇلنى قايتۇرغاندىن كېيىن ،روسىيە بۇلتۇر دېكابىردا ئوكرائىنانى گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved