شىنجاڭدىكى دىنىي ساھەدىكى زاتلار 30-ئىيۇل زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

30-ئىيۇل سەھەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قشقەر شەھىرى ھېيتكاھ جامەسىنىڭ خاتىپى جۈمە تاھىر داموللام بامدات نامىزىغا ئىماملىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، زوراۋان-توررورچىلار تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرىۋېتىلدى. 2-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭدىكى دىنى ساھەدىكى زاتلاردىن 107 كىشى ئۈرۈمچىدە 30-ئىيۇل زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلىمشىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلارنى قاتتىق جازالىشىنى، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 


قەشقەر شەھىرى چاپان بازىرى جۈمە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئەبەيدۇللا مۇھەممەت مۇنداق دېدى: بىز بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن قايغۇردۇق ۋە غەزەپلەندۇق، جۈمە تاھىر داموللام بىر ئۆمۈر ۋەتەننى، دىننى، خەلقنى سۆيۈپ كەلگەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ھىمايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەت ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ كەلگەن، ئۇ قەشقەر شۇنىڭدەك پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.
ئۈرۈمچى شەھىرى پراۋوسلاۋىيە چېركاۋى دېموكراتىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جيا جىرۇڭ مۇنداق دېدى: زوراۋان-تېررورچىلار بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

 


ئۈرۈمچى شەھىرى تىنچلىق يولى كاتولىك چېركاۋى دېموكرتىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ بەردى، ئۇلار تارىخ ۋە خەلق تەرىپىدىن مۇقەررەر تۈكۈرۈپ تاشلىنىدۇ.


ئۈرۈمچى شەھىرى خىرىستىئان دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپى فەن چېڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىش، زور دەرىجىدە گۈللىنىشتەك مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنىشى، مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇشى، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

 


ئۈرۈمچى شەھىرى چىڭچۈەن ئىبادەتخانىسىدىن يى خۇڭ ھەزرەت مۇنداق دېدى: زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئۇلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا پۈتۈنلەي پىسەنت قىلماي، ئىنسانىي ھەققانىيەتنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە ئوچۇق-ئاشكارە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتەك رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى. بۇددا دىنىي ساھەسىدىكىلەر زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.



خەتكۈچلەر:
04-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
02-05-2016
     جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك...
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
Powered by Leglek