ئۆيدىن «يامغۇر» ياغدى، قانۇن ئۆي ئىگىسىگە «كۈنلۈك» بولدى

   بۇ دېلودىكى تەرەپلەر ئۇزاق مەزگىل قولۇم-قوشنا بولۇپ ئۆتكەن، مۇناسىۋىتىمۇ يامان ئەمەس ئىدى، بىر قېتىملىق ھادىسە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەخلى يەتكۈزدى.

    بۇلتۇر 22-سېنتەبىر چۈش. ئايگۈل ئۆيىگە كىرىپلا كرىسلوغا تاشلاندى. ئۇ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلماقچى بولدى، دەل شۇ چاغدا تورۇستىن تامغان سۇ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ سىنچىلاپ قاراپ، چىراغ ئەتراپىنىڭ نەملىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ تاختايغا لۆڭگە تاشلاپ قويماقچى بولۇپ ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى ھەمدە لۆڭگە تېپىپ چىققۇچە تامچىلاۋاتقان سۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇ قانداق قىلارىنى بىلەلمەي، يۇڭ ئەدىيال دېگەندەك نەرسىلەرنى تاختايغا يېيپ قويۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى. ئۇ ئىشىكنى خېلى ئۇزاق چەككەندىن كېيىن مەمەت ئاچتى ۋە نېمە ئىش بارلىقىنى سورىدى. ئايگۈل:

ئۆيىڭىزدىن سۇ چىقىپ، ئۆيۈمنىڭ تورۇسىدىن ئاققىلى تۇرۇپتۇ، دېدى.

ئۆتكەندە تۇرۇبا ئېتىلىپ قاپتىكەن، بىر ئامال قىلىپ ئاچقانىدىم، يەنە ئېتىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، مەن ھازىرلا ئۆيىڭىزگە چۈشىمەن، دېدى مەمەت.

ئايگۈل ئۆيگە كىرگەندە گىلەم، يوتقان-كۆرپە دېگەندەك نەرسىلەر سۇ ئاستىدا قالغانىدى. مەمەت بىلەن گۈلنۇر خېلىدىن كېيىن ئايگۈلنىڭ ئۆيىگە چۈشتى ۋە ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن:

ئامال بار زىيىنىڭىزنى تۆلەپ بېرىمىز، گىلەملىرىڭىزنى يۇغۇزۇپ بېرەيلى، دېدى ھەم چۈشتىن كېيىن ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئالدىراپ چىقىپ كېتىشتى.

سۇ توختىدى، ئارىدىن بىر نەچچە كۈنمۇ ئۆتتى، بىراق ئايگۈلنىڭ ئۆيى تېخىغىچە قۇرۇمىدى، شۇنىڭ بىلەن تام قەغەزلىرىمۇ بۇزۇلدى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم مەمەت بىلەن گۈلنۇرنى ئىزدىدى، بىراق ئۇلار تۆلەم مەسىلىسىدە پەقەت بىردەكلىككە كېلەلمىدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. ئايگۈل يەنە بىر قېتىم چىقىپ دەپ بېقىش ئويىدا ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ قوڭغۇرىقىنى باستى. بۇ قېتىم ئىشىكنى گۈلنۇر ئاچتى. ئايگۈل:

مۇشۇ ئىش بولغان كۈنى ئېرىڭىزگە توكنى ئۇلاپ بېرىشنى ئېيتقانىدىم، ئۇ ۋاقتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ رەت قىلدى، تا ھازىرغىچە بالام يا تاپشۇرۇقىنى تۈزۈك ئىشلىيەلمەيۋاتىدۇ، بۇ ئىش مېنىڭ خىزمىتىمگىمۇ زور تەسىر يەتكۈزدى، سۇ بېسىپ كەتكەن ئۆيدە ھاكنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا، بالامنىڭ بېشى ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ بىر كۈن مەكتەپكە بارمىدى، ئۆيدە داۋاملىق تۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز قالماي، ئاخىر مېھمانسارايدا ياتتۇق، بۇ چىقىملارنى تۆلىشىڭلار كېرەك،  دېدى ئاچچىقلاپ.

گۈلنۇر:

ئالدىنقى قېتىم زىيىنىڭىزنى 6000 مىڭ يۈەن قىلىپ چىقاردىڭىز، بولۇپتۇ بېرەيلى، دېسەك، مانا ئەمدى بىر مۇنچە زىياننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسىز، زادى نېمە قىلاي دەيسىز؟ دېگىنىچە ئىشىكنى يېپىۋەتتى.

ئايگۈل ئۆينىڭ زىيىنىنى باھالاتتى. 19-يانۋاردىكى باھالاش نەتىجىسىدە ئۆينىڭ زىيىنى 10 مىڭ 295 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. ئايگۈل باھالىتىشقا 1000 يۈەن سەرپ قىلدى. ئۇ ئىسپاتنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، مەمەت بىلەن گۈلنۇر ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئىقتىسادىي زىيىنى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن، ياتاق پۇلى ئۈچۈن 4750 يۈەن تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

سوت مەھكىمىسى: جاۋابكارلارنىڭ ئۆيىدىكى تۇرۇبىدىن سۇ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، دەۋاگەرنىڭ ئۆيىنىڭ تام-تورۇسلىرى بۇزۇلغان، بۇ ئىش سەۋەبلىك دەۋاگەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىغان، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ جاۋابكارلاردىن ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ پاكىت ۋە قانۇنىي ئاساسى بار، قوللاشقا بولىدۇ، دەپ قاراپ، جاۋابكار مەمەت بىلەن گۈلنۇرنى دەۋاگەر ئايگۈلگە بارلىق زىيىنى ئۈچۈن 11 مىڭ 273 يۈەن تۆلەم بېرىش، دەۋاگەرنىڭ باشقا دەۋا تەلەپلىرىنى رەت قىلىش توغرىسىدا 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى.

مەمەت بىلەن ئايگۈل ھۆكۈمگە قايىل بولماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز سۇندى. سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن 24-نويابىر نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلىپ، ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقاردى.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek