ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن بىخەتەرلىك ئەمەلدارى شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا پايتەخت سانادىكى بىر ساقچى بىناسى ۋەيران بولۇپ، ئاز دېگەندە 26 ئادەم قازا قىلغان، تەخمىنەن 15 ئادەم يارىدار بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يەنىلا تەخمىنەن 30 ئادەم قۇرۇلۇش خارابىيلىكىدە كۆمۈلۈپ قالدى، دەپ قارايدىكەن. قۇرۇلۇش يېنىدىكى ساقچى ماشىنىسى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان.
نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيداندا توپا كولاش ماشىنىسى بىلەن كۆمۈلۈپ قالغان ئادەملەرنى ئىزدەۋېتىپتۇ.
يەمەن ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى شۇ جاي ۋاقتى 17-يانۋار يېرىم كېچىدە، 18-يانۋار سەھەردە يۈز بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved