جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
نېپال زۇڭتۇڭى يادىف 30-ئاپرېل جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ نېپالدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا خالىسانە ياردەم بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرى ئىنتايىن ياخشى بولدى.
ياداف مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەڭ ياخشى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ياخشى بولدى. مەن، كەلگۈسىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش جەريانىدا ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ياداف مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، پەقەت ئالاھىدە دوستلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، جۇڭگو نېپالنىڭ ھەقىقىي دوستى، نېپال جۇڭگو بىلەن ياردەم بېرىش كۈچىنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بالدۇرراق ئۆتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved