يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە توختىماي جۇڭگوغا قارىشىلىق بىلدۈردى. ياپونىيە، فىلىپپىن، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىش چىقىرىپ، جۇڭگوغا ھەيۋا قىلدى. كىشىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسدا «3-شەخس توقۇنۇشى» يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.
بۇ يەردىكى 3-شەخس توقۇنۇشى دېگىنىمىز 3-شەخس سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاستە توقۇنۇشنى كۆرستىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بىر قانچە قېتىملىق ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ھەممىسى 3-دۆلەتنىڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن، بۇنى 3-شەخس توقۇنۇشى دەپ چۈشىنىشكى بولىدۇ. بۇ خىل توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش مەنبەسى ئىككى دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىدىكى توقۇنۇش ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش بولسۇن ياكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ۋېيتنامغا ياردەم بېرىش بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان. 3-شەخس توقۇنۇشىدىن ساقلىنىشتىكى ئاچقۇچ بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ بىر-بىرسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى ياكى ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىگە خاتا ھۆكۈم قىلىش شۇنداقلا خاتا تاقابىل تۇرۇشتىن ساقلىنىش.
كىشىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 3-شەخس توقۇنۇشىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىستراتېگىيە ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قولى ئارقىلىق، بىر قىسىم زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ماجرالىرىدىن پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئەتراپىدا مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپ مۇھىتىنى بۇزۇش، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىگە توسقۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن بۇنىڭدىكى خەۋپ ئامېرىكا ۋەزىيەتنى ياخشى كونترول قىلالىشى ناتايىن.
ئەگەر ئامېرىكا داۋاملىق قاراپ تۇرسا، ئەتراپتىكى قىسمەن دۆلەتلەر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيە چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتسە، ئېلىمىز چوقۇم قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ئارىلاشمىسا يۈزى تۆكۈلۈپ، ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر ئارىلاشسا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 3-شەخس توقۇنۇشى پارتلىشى مۇمكىن.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كىرىزىسنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىدىن 3-شەخس توقۇنۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە ئايلاندى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى سەل مۇرەككەپ. ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك باش ئاغرىقى باش كۆتۈرىۋاتقان جۇڭگوغا قانداق تاقابىل تۇرۇش. 2013-يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «قارىشلاشماسلىق، توقۇنۇشماسلىق، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، بىرلىكتە غەلبە قىلىش»تەك جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسدىكى ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلدى. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە تىرىشىشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چەكلىمىسىنى شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەت، نىشان ۋە سىياسەت چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگونىڭ جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سىياسەت چەكلىمىسى ئىنتايىن ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىش. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشلامچىلىق ئورنى ۋە ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىسىغا خىرىس قىلىش مەقسىتى يوق، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىجابىي مەۋجۇتلىقىنى قارشى ئالىدۇ. لېكىن ئامېرىكا جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە نەپ ئېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇۋاپىق مەۋجۇتلۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرتىپلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ تەڭ قوبۇل قىلالايدىغان قائىدە تۈزۈش كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مېخانىزىم بەرپا قىلىش بولۇپمۇ ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش ھەمدە باشلىقلارنىڭ ئۇچرىشىشى، سۆزلىشىشىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 5 قېتىم ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي سۆزلىشىش ئېلىپ باردى، بولۇپمۇ 2011-يىلى ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك سۆزلىشىش مەزمۇنىنى تۇنجى قېتىم كۆپەيتتى، بۇنىڭ مۇقىم جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشتا ئەھمىيىتى زور.
2013-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ھەمدە ئارمىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيە قاتلىمىدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش، گۇماننى يوقىتىش، خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش، ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىش، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھاسىل قىلغان «قارىشلاشماسلىق، توقۇنۇشماسلىق»تەك چەلىمىنى ساقلاش، يېڭىدىن 3-شەخس توقۇنۇشى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved