تايلاند كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەندە، 25 ياشلىق بىر جۇڭگولۇق قىز تايلاندتىكى سارابۇرى (Saraburi) دا بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغان.
ئىگەللىنىلىشىچە، جۇڭگولۇق بۇ قىزنىڭ ئىسمى بولسا باۋ شىنشىن بولۇپ، بۇ قىز ياتاق بىناسىنىڭ 5-قەۋىتىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانىكەن. بۇ قىز بېشىچىلاپ يەرگە چۈشكەن بولۇپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئىككى دوستىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قىز شۇ يەردىكى خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇ قىزنىڭ جۇڭگودىكى ئائىلىسىدە ئىش چىققاچقا، دوستلىرى ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگىلى تايلاندقا كەلگەنىكەن، بۇ قىز بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋىلىشتىن بۇرۇن، ئۈستىگە يېڭى سېتىۋالغان قىزىل كىيىمىنى كىيىۋالغانىكەن.
تايلاند ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قىز تايلاند سارابۇرى (Saraburi) دا خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىقى قىلغاندىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى مەلۇم ئۇنۋېرسىتىتتا ئاسپىرانتلىقا ئوقۇۋاتقانىكەن. ئۆلگۈچىنىڭ دوستىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىشىدىكى سەۋەبى پەقەتلا ئائىلىسىدە ئىش چىققانلىقتىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈش ماقالىسىمۇ ئۆتمىگەن بولغاچقا، يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار كاللىسىدىن ئۆتمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved