سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيە تەرەپ باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيەسى ئايرودۇرۇمنى ۋەيران قىلغان ۋە يەمەننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى كونترول قىلغاندىن سىرت يەمەندىكى بارلىق پورتلارنىمۇ كونترول قىلىپ بولدى، بۇ يەمەندىكى شىئە مەزھىپىدىن بولغان قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ سۇ يولى ئارقىلىق قورال- ياراق ۋە خادىم توشۇشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: «كەسكىن بوران چاپقۇن ھەرىكىتى» باشلانغان تۆت كۈندە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەمدە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يەمەننىڭ 21 ئۆلكىسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ توققۇزىنى بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىتتىپاقداش ئارمىيە يەمەننىڭ پايتەختى سانادىكى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ھەربىي نىشانلىرى جۈملىدىن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ قورال-ياراق، ئوق دورا ئىسكىلاتى ۋە خادىملىرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق توپقا تۇتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved