جاھان ئاگېنتلىقى 24-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەننىڭ تائىز رايۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان «ھۇسىيلەرگە قارشىلىق» نامايىشىغا، ئالاھىدە قىسىم ئەترەتلىرى ئوق چىقاردى، نامايىشچىلاردىن 10 كىشى يارىلاندى. جەنۇب ھەرىكىتى قوللىغۇچىلىرىغا «ھۇسىيلەر بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار» دەپ چاقىرىق قىلدى.
ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن تائىز رايۇنىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان مۇخبىر تاھا سالىھ، ئاناتولىيە مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ، ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى بىناسى ئالدىدا ھۇسىيلەرگە قارشى نامايىش قىلغان نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
سالىھ، نامايىشچىلارغا راست ئوق چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ۋەقەدە 10 كىشى يارىلاندى، بۇلاردىن 2 سىنىڭ ئەھۋالى بەك ئېغىر. يارىدارلار سەفۋە، ھامەد ۋە ئىبنى سىنا دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى» دېدى. ئۇ يەنە، رايۇننىڭ مەركىزىدىكى ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى بىناسى ئالدىدا نامايىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يەمەننىڭ شىمالىدىكى پايتەخت سەنئا بىلەن جەنۇبتىكى ئەدەن رايۇنى ئارىسىدىكى ئۆتۈش نوقتىسى بولغان ، 615 مىڭ نۇپۇسقا ئىگە تائىز رايۇنى ھۇسىي شىئە قۇراللىقلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىندى. تائىز رايۇنى، ھۇسىيلەر بىلەن جەنۇبنى كونترول قىلىۋاتقان مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە سۈننىي قەبىلىلەر ئارىسىدا مۇھىم ئورۇن دەپ قارىلىدۇ.
يەمەندىكى مۇستەقىل جەنۇبى مىللىي ھەرىكىتى، قوللىغۇچىلىرىغا ھۇسىيلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن تەييار بولۇشقا چاقىرىق قىلدى. جەنۇب ھەرىكىتىگە تەۋە جەنۇبى مىللىي ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىنقىلابچى ئەركىن تەشكىلىمىز جەنۇبتىكى ۋەتەننى قوغداشتا ئالدىنقى سەپتە ئورۇن ئالىدۇ» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيانى، ھۇسىيلەرنىڭ يېڭى ھۇجۇملىرى قارشىسىدا دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يەمەن خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشى ۋە شىئە ئىشغالىيتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، مۇستەقىللىقكە ئېرىشىش ۋە يېڭى بىر جەنۇب دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىق جەنۇبتىكى خەلقلەرنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قوغداش مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلشىقا چاقىرىق قىلدى.
ھۇسىي شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىگە قاراشلىق ئىنقىلاب ئالى كومىتىتى، شەنبە كۈنى دۆلەتتە «ئۇمۇمى سەپەرۋەرلىك» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى سەنئا، لاھەج ۋە ئەدەندىكى «تېرور تەشكىلاتى» غا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. ھۇسىيلەرگە قاراشلىق ئەل مەسىرە قانىلىدا ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى رەھبىرى ئابدۇلمەلىك ئەل ھۇسى سۆز قىلىپ، «ئىنقىلاب ئالى كومىتىتىنىڭ ئۇمۇمى سەپەرۋەرلىك قارارىنىڭ ، جەنۇبتىكى رايۇنلارنى ۋە خەلقلەرنى ئەمەس، بەلكى جىنايەت نوقتىلىرىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى» تىلغا ئالدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved