ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 40 مىڭ (قېتىم) دىن ئارتۇق دىنىي زات تەربىيەلەندى

     ئاپتونوم رايوننىڭ 10 – قارارلىق ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمى شۇنداقلا 2015 – يىللىق تەربىيەلەش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 25 – دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئون قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 2500 كىشىنى تەربىيەلىدى، بىر قارار ياش، ئوتتۇرا ياش تايانچ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 50 كىشىنى تەربىيەلىدى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 297 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 40 مىڭ(قېتىم)دىن ئارتۇق دىنىي زاتنى تەربىيەلىدى.    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن خۇلاسىلەش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىن ئەسەبىيلىكى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قوللاشتا رولىنى جارى قىلدۇردى.

      يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار تېخىمۇ ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن ئۆگىنىپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىدىكى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، مېھرىبانلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئىدىيەسىنى دىن ئۆگىنىش، ۋەز سۆزلەش، تەپسىر قىلىش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئاڭلىق، ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن ئىلغارلىق، مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىشكە پائال يېتەكلەپ، ئىتتىپاق ئۆتۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە كىشلىك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ‹‹بەشنى تونۇش›› ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاڭلىق ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەپ ۋە پائال تەشۋىق قىلىپ، ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى›› بەرپا قىلىش ۋە ‹‹بەشتە ياخشى دىنى زات››لاردىن بولۇش پائالىيىتىنى پائال يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
Powered by Leglek