كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ماتېرىياللارىدا چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىم جۇڭئۇننىڭ بالىلىق تۇرمۇشى ھەمدە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى بار ئىكەن. ئىلگىرى، چاۋشىيەن باشلانغۇچ-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىدە كىم جۇڭئۇننىڭ بوۋىسى كىم ئېرسىن، مومىسى كىم جۇڭسۇك ھەمدە دادىسى كىم جۇڭئېل قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بار ئىدى.
دوكلاتقا قارىغاندا، چاۋشىيەن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، مەسىلەن: 4-يىللىقنىڭ ئىنگلىز تىلى دەرسى ھەپتىدە بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكە ئۆزگەرگەن. ئىلگىرى چاۋشىيەن ئىنگلىز تىلىنى «چەتئەل تىلى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ھازىر «ئىنگلىز تىلى»دەپ ئۆزگەرتكەن.
![]() |
12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved