رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى سىنىماقتا

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 12-ماي بېريوسسېلدا يىغىن ئېچىپ، ئوكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە كېڭىشىشنى پىلانلىدى، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك پىكىرگە كېلىشى قىيىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيەدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقىمىغان ئېغىر سىناقق دۇچ كېلىدۇ.


ياۋروپادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپا سىياسەت مەركىزىنىڭ نوپۇزلۇق سىياسەت تەھلىلچىسى ئەيمانولىدىس يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيەنى جازالاش مەسلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىككى چوڭ لاگىرغا بۆلىۋەتتى، بۇنىڭ بىرسى رۇسىيەگە قاتتىق قول بولۇپ، تېخىمۇ قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇلار پولشا، بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت، بىلگىيە، بولغارىيە، دانىيە، ئېرلاندىيە، ليۇكسۇنبورگ، رۇمىنيە ۋە شىۋىتسىيەدىن ئىبارەت، يەنە بىر چوڭ لاگىر رۇسىيەگە قاتتىق قول بولۇشقا قارىشى تۇراۋاتقانلار بولۇپ، بۇلار سېپروس، فېللاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىرتسىيە، ۋىنگىرىيە، ئىسپانىيەدىن ئىبارەت، بۇ دۆلەتلەر ئىقتىساد، تارىخ، دىن قاتارلىق جەھەلەردە رۇسىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.


ئەيمانولىدىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە رۇسىيەنى جازالاش مەسىلىسىدە ئوتتۇرىھال مەيداندا تۇرۇشىدىكى سەۋەب ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگيە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغاندىن باشقا يەنە رۇسىيەنىڭ بەزى خەلقئارالىق زور مەسىلىلەردە ھەمكارلاشماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.


ئىسپانىيە خان جەمەتى ئەيرىكانو تەتقىقات ئورنى بىخەتەرلىك ۋە قوغدىنىش تۈرىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ئەرتىئەيگا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئويىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ، بىرىنچى سىياسي جەھەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا 4 دۆلەتنىڭ رۇسىيە بىلەن مەلۇم شەكىلدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بار، ئۇلار ئايرىم ئايرىم گېرمانىيە،فىرانسيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى دېگۈدەك كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئىقتىسادىي جەھەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە رۇسيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئەگەر پەقەت جازالا يۈرگۈزۈلۈپ، مەلۇم تۆلەم مېخانىزمى ئورنىتىلمىسا، ئۇلاردا رۇسيەنى جازالاش ئارزۇسى كەمچىل بولىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا رۇسىيەگە قارىتىلغان سىياسەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۈركۈت گۇرۇھى بىلەن كەپتەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، بۈركۈت گۇرۇھى ئاساسلىقى شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپمۇ بەزى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندا تەسىرى كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، رۇسىيەنىڭ تەسىرى دائىرىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى مەسلىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.


پولشا ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور گۇلارچىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىنگىرىيەنىڭ نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ۋىنگىرىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە رۇسىيە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىپ كەلگەن ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى رىمونت قىلىشقا ياردەم بېرىپ كەلگەن ئىدى، ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋىنگىرىيە بىلەن رۇسىيە بۇ يىل 1-ئايدا بىر قەرز پۇل كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى، كېلىشىمگە ئاساسەن رۇسىيە ۋېنگىرىيەنى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ سان ۋىنگىرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 10 دىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ، ياۋروپا قەرز كىرزىسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان ۋىنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنىڭ ئەھمىىيىتى زور، ۋىنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئەگەر جازا تۈپەيلى رۇسىيەنى خاپا قىلىپ قويسا ئۆزىگە كۆپ زىيان بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

 


پروفېسسور گۇلارچىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە بولغارىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاش بىر ئىقتىسادىي خامچوتنى سوقۇۋاتىدۇ، بولغارىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ھازىر دۆلەت ئىچىدە قۇرۇلۇۋاتقان رۇسىيە جەنۇبىي ئېرىق تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى بولغارىيەنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇشنى رۇسىيە تەبئى گاز سانائەت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىتالىيە ئەينى شىېركىتى بىرلىكتە قۇرغان، 2015-يىلنىڭ ئاخىرغىچە پۈتتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىشى مۇمكىن، ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازاسى تۈپەيلى رۇسىيە بۇ تۈرنى توختىتىپ قويسا بولغارىيەنىڭ ئەجرى يوققا چىقىدۇ، بۇنى بولغارىيە ھۆكۈمىتى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىى زىياننىمۇ بولغارىيە قوبۇل قىلالمايدۇ.


ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى كومىتېتى ئۆز تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزەلدىن بۇنداق دىپلوماتىيە خىرىسىغا ئۇچراپ باقىمىغان ئىدى، ئوكرائىنا كىرزىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق دىپلوماتىيەسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشىگە مۇھتاج ئۇنداق بولمىسا سىرتقى ساھەگە قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟ شۇ جايدىكى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى شەرققە كېڭەيگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى، ئوكرائىنا كىرزىسىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرققە كېڭىيىش مۇساپىسى ۋە يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇقەررەر.



خەتكۈچلەر:
11-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek