زۇڭلى لى كېچىياڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ‹10+1›يىغىنىغا قاتناشتى


سىنا  تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭ شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېرمىنىڭ نايبىدودا ئېچىلغان 17-قېتىملىق جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 10+1 رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى .شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى .لى كېچىياڭ بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ دېڭشىڭ بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ، لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقى سىجىل ،مۇقىم تەرەققىي قىلىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى بايراققا ئايلاندى .جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئەتراپ دېپلوماتىيىسىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يۈزلىنىش دەپ قارايدۇ .شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى يېتەكچى ئورنىنى قوللايدۇ .لى كېچىياڭ بۇ ھەقتە ئالتە تەكلىپ بەردى:


بىرىنچى :جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ ئىستىراتېگىيىسىنى بىرلىكتە پىلانلىساق ،جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قوشما خىتابنامىسىنڭ ئۈچىنچى پارچە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈشنى بالدۇرراق باشلىساق .جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەم ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى كېلىشىپ ئىمزالىساق .
ئىككىنچى :جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرسەك .2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى سۆھبەتنى تاماملىساق .


ئۈچىنچى :ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇل -ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تور قۇرۇلۇشىنى تېزلەتسەك ،قۇرۇقلۇق دېڭىز يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،خەۋەرلىشىش ئېلېكتىر ئېنىرگىيىنى تور قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرسەك .
تۆتىنچى :دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى ئەستايىدىل بەرپا قىلساق .2015-يىلىنى جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا .ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئوكيان يىلى ھەمكارلىقى يىلى قىلىپ ،دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇساق .


بەشىنچى :ئەنئەنىۋى ساھە ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان ساھەلەردىكى قوش بىخەتەرلىككە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلساق ،كېلەر يىلى جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشنى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ ،جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىزىق نۇقتىسىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنسەك .


ئالتىنچى :ئادەمىيەت پەن تېخنىكا مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھەلەرنى ئاكتىپ كېڭەيتىپ جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ھەرىكەت پىلانىنى تىزرەك ئەمەلگە ئاشۇرساق .


لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى ئالتۇن ئون يىلنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ،يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى كەڭ دائىرە چوڭقۇر ھەمكارلىقتىكى ئالماس ئون يىلغا قەدەم قۇيۇشى ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈپ ،رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى ،تەرەققىياتى ھەمكارلىقىنىى پارلاق كېلەچەككە ئىگە قىلىدۇ ›.،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى زۇڭلى لى كېچىياڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قارشى ئالدى .
شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەپ تىنىچ مۇقىم رايون مۇھىتى بولغانلىقىدا ، بۇ شەرقىي ئاسىيا دىكى ھە رقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى ،ھەر قايسى تەرەپلەر سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ چۆرگىلىتىش چىڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ رايون تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيادا خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ ئىقتىساد جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك .جۇڭگو ئىزچىل شەرقىي ئاسىيا رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدىغان كۈچ .جۇڭگو تىنىچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ ،بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيادىكى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى ،ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى خالايدۇ .جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بالدۇرراق ئىناق قوشنىدارچىلىق ،دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ،بۇ رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدىكى قانۇن ھۆججەتلىرىنى تۈزۈشنى شۇنداقلا رايون ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەرلىك ئىدىيىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدۇ.


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
16-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek