جۇڭگو يەر تەۋەرەشنى كۈزىتىش ئىستانسىسى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 21-يانۋار سائەت 1:13 دە چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي ئوبلاستىنىڭ مېنيۈەن ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 37.68 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 101.62 گىرادۇس)دە 6.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىر بولغان. مۇخبىرنىڭ مېنيۈەن ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن جايدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاممىسى سىرتلارغا چىقىپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان.چىڭخەي ئۆلكىلىك يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە مېنيۈەن ناھىيەسىدە قازا قىلغانلىق ياكى مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىق توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن. شىنىڭ شەھىرىدە تەۋرىنىش كۈچلۈك بولغان بولۇپ، ئۇخلاپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئويغىنىپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved