ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7-سېنتەبىر تېلېۋېزىيە سۆھبەت پىروگراممىسىدا مۇنداق دېگەن: مەن 10-سېنتەبىر سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىلەيمەن. بۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تۇسۇپلا قالماستىن يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلار تاجاۋۇز قىلىپ ئىگىلىۋالغان زېمىننى قايتۇۋالىدۇ، پات ئارىدا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇ پوزتسىيە ناھايىتى زور دەرىجىدە بىر ھەپتە ئىلگىرى ئوبامانىڭ « ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتىگىيەلىك تەسىرى يوق دېگەن سۆزىگە زىت ئىدى.
بىراق ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئىستراتىگىيەسىنىڭ قىسقىراش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل بۇلامدۇ-يوق، بۇنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئوباما بۇ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا كەڭ دائىرىدىكى خەلقئارا ۋە رايون ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىكە تاقابىل تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى قىسمىنى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا ئىلگىرى ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دەپ ھېسابلانغانىدى: ئوبامىھىزىمنىڭ جەۋھىرى-چەكلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش شۇنداقلا شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش.
بۇ ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 60-، 70-يىللىرىدىكى ئاسىياغا چولى تەگمىگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسۇن تەشەببۇس قىلغان «نىكسۇننىزىم»نىڭ بىخەتەرلىك شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ رول ئويناش ھەمدە ئۆزى بىۋاستە ئۇرۇشقا قاتناشماسلىق سىياسىتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مەيلى باسقۇچلار بويىچە ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش بولسۇن ۋەياكى لىۋىيە ئۇرۇشىدا «ئارقىدا تۇرۇش»بولسۇن، مەيلى سۇرىيەگە قۇراللىق ئارىلىشىشنى رەت قىلىش بولسۇن ۋەياكى بىۋاستە ئەسكەر چىقارماي ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىش بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ پاتقاقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىدەك پىسخىكىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
قارايدىغان بولساق، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت يان بېسىش شەكلىدىكى كۈچلۈك ئارىلىشىشتىن يېقىنقى مەزگىلىدىكى قانچىلىك «قول قۇيۇشتۇرۇپ كارى بولماسلىقتىن» دىرەك بېرىدىغان ئىستىراتىگىيەسىنىڭ قىسقارتىلىشىدەك بۇ بۇرۇلۇش جەريانىنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ياردەمسىز قالغان خەلق ئاممىسى باشتىن كەچۈرگەن ھەر بىر داۋالغۇشقا سېلىشتۇرغاندا، كىشىلەر ئېختىيارسىز ھالدا: ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىچكى سەۋەبى بولۇپ قالدىمۇ؟ دەپ سورىشىدۇ.
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشى ئاساسى جەھەتتىن يەر شارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سىرتتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىلاشمايدۇ. بۇ يەردە ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان جوغراپىيەلىك سىياسىي قۇرۇلمىدا داۋاملىق بۆلۈنۈش كۆرۈلمەكتە، داۋالغۇشمۇ ئۇزۇلمىدى. قانچە يىللاردىن بۇيان ئەرەب دۆلەتلىرى، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، ئىران ۋەكىللىكىدىكى تۆت خىل مەدەنىيەت پەرقى،تۈگىمەيدىغان مىللەت،مەزھەپ قاتارلىق ئامىللار، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەرب كۈچلىرىنىڭ تۈرلۈك ھالەتتە ئارىلىشىشى- بىر تىرىكىشىش تورىنى شەكىللەندۈردى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى ياكى مەلۇم ئاجىز تەڭپۇڭلۇققا يېتىش- ئۈزۈك تىنچلىقنى گەۋدىلەندۈردى، ۋەقەنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قانداق كۈچنىڭ كۈچىيىشى ياكى كەم بولۇشى يەنە رايون قايتا تىرىكىشىشىنى قوزغاپ، تۇقۇنۇشنى يەنە گەۋدىلەندۈردى.
1978-يىلى ئامېرىكا مىسىربىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچ يارىشىشنى مەقسەت قىلغان « داۋىد لاگىرى كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولدى، بۇ تەدبىرنى ئەرەب دۇنياسى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئۇرۇش ھالىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا يول ئېچىشقا تۈرتكە بولدى دېيىشكە تىگىشلىك ئىدى. ئەمما «ئامېرىكىچە يان بېسىش» ئۆزگەرمىسە، ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقى تەبىئىي شەكىللەنمەيدۇ. رايون قالايمىقانچىلىقى ئالدىدا بولۇپمۇ ئەسەبىي تەشكىلاتلار ئېلىپ كەلگەن يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىدتە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئەسكى تۇسكىلارنى يىيىش ئامېرىكىنى تىكەن ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ پاسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ «ئىستراتىگىيە يوق» دېگەننى باھانە قىلىشى ئەقىلگە سېغمايدۇ. ۋاشىنگىتوننىڭ يېقىن شەرق سىياسەت تەتقىقات ئورنىدىن مايكول ئىسسنستات ئېيتقاندەك: ئەگەر سەن ئوتتۇرا شەرققە بارمىساڭ، ئوتتۇرا شەرق سىنى ئىزدەپ كېلىدۇ». تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، ۋاشىنگىتون پاسسىپ ھالەتتىن قۇتۇلىمەن دەيدىكەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، «يان بىېشقا خاتىمە بېرىپ»، ئادىل، ھەققانىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved