ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيىنى قىستىدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى 28-ئاپرېل ئېستونىيەگە يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن پەيدا بولغان ئەندىشىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ئەسكىرى كۈچى 600 گە يەتتى. ئېستونىيە پرېزدېنتى توماس ئىلۋىس قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئېستونىيىچە بولغاندا ھەقلىق ئەمەس، ئەكسىچە بىز نۆۋەتتىكى خاتىرجەمسىز دۇنيادا بۇ كەم بولسا بولمايدىغان بىخەتەرلىك كاپالىتى دەپ قارايمىز. 173-پاراشۇتچىلار بىرىگادىسىنىڭ 150 ئامېرىكا ئەسكىرى ئستونىيىنىڭ غەربىدىكى ئامارى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ باردى. ئۇلار پاردىسكى پورتىدا تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ 450 ئەسكىرى ئۆتكەن ھەپتىدە لاتۋىيە، لىتۋا ۋە پولشاغا يېتىپ بارغان ئىدى. بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا بۇ رايوندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ گۇمانىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئالدىدا ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلماقچى بولدى، ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئورۇنلاشتۇرغان ئامېرىكا ئارمىيەسى 28-ئاپرېل بالتىق دېڭىزىدىكى دۆلەتكە يېتىپ باردى، ئۇلار بىلەن بىرگە بارغان ئەنگلىيەنىڭ 4 كۈرەش ئايروپىلانىمۇ بار.
ئەنگلىيە خانلىق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەيفېڭ ناملىق 4 كۈرەش ئايروپىلانى لىتۋانىڭ شىمالىدىكى شىئورىئەي ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا قوندى. بۇ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەردىكى ھاۋادىن چارلايدىغان 12 ئايروپىلاننىڭ تۇنجى تۈركۈمى. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ 150 ئوفىتسېر ئەسكىرى ئېستونىيەدىكى ئامارى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا يېتىپ باردى. بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋانىڭ ھەربىي كۈچى بىر قەدەر ئاجىز، ئۇلار رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى نوپۇزىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىغا ھوشيارلىق بىلەن دىققەت قىلدى. ھازىر ئامېرىكىنىڭ 600 ئوفىتسېر ئەسكىرى پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەردە پىيادە قىسىم مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇ يەردە يىل ئاخىرىغىچە تۇرۇشى مۇمكىن.

 

ئەنگلىيە خانلىق ھاۋا ئارمىيەنىڭ قوماندانى سىمون ھيوم مۇنداق دېدى: ئېنىقكى بىز بۇ يەردە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى خاتىرجەم قىلىمىز، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىمىز بار. رايون ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەنلىكتىن، فرانسىيەنىڭ 4 كۈرەش ئايروپىلانى بالتىق دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا يېتىپ بېرىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دېڭىزدىكى چارلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.
ماربورىك ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ ئايروپىلانلار بىلەن بىرگە يەر يۈزى خادىمدىن يۈزى كەلدى، ئۇلار چارشەنبەدىن باشلاپ 4 ئايلىق نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، پولشا كۈرەش ئايروپىلانلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ھاۋا موداپىئە ئېھتىيات پىلانىغا قاتنىشىدۇ.
بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئىككى چوڭ قوشنىسى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە توقۇنۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ۋارشاۋا ئۆز رايونىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۇرۇشلۇق قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.پولشانىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى توماس شېمونياك مۇنداق دېدى: فرانسىيەنىڭ بۇ كۈرەش ئايروپىلانلىرى پولشادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ، بىراق ھەربىي مانېۋىرنىڭ كونكرېت ۋاقتى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.
رۇسىيەنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى شويگۇ 28-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگېل بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رۇسىيە چېگراسىدىكى پائالىيەتلىرى مىسلىسىز كۈچەيدى. رۇسىيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مىنىستىرلار نۇقتىلىق مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرىقى ھەرىكەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ رۇسىيەنى جىددىي توسۇش توغرىسىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك خاھىشىغا ئىگە باياناتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

 

شايىگو خاگىلنى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ رۇسىيىگە زىيادە قارشى تەشۋىقاتىغا دىققەت قىلىشىنى سەمىگە سالدى. خاگىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاشىنگتون بىلەن بىريوسىل ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەيدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى گۇرۇھنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ موداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
رۇسىيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى شايىگو ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگىل بىلەن سۆھبەتلەشكەندە رۇسىيە رازۋېدكا قىلىش بۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار سۆزلەرنى قەتئىي رەت قىلدى. شايىگو خاگىلنىڭ رۇسىيە قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىغا زور كۆلەمدە ئەسكەر كۆپەيتىش ۋە مۇقىملىقنى بۇزۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئالاقىدار گۇمانى سۆزلىرىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل سۆزلەرنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ساقلىنىشىنى مۇراجەت قىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۇ رۇسىيە رازۋېدكا قىلىش بۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ھەققىدىكى گۇمانى سۆزلەرنىڭ قىلچە ئاساسىي يوق دەپ قەتئىي رەت قىلدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ئالامەتلىرى تېخى كۆرۈلمىدى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى موسكۋا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى بۇ رىسپوبلىكا دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرمەيمىز دېدى.شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بىز ھازىر رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىمىدۇق. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: بىز رۇسىيىنى ئالاقىدار جەنۋە كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش، مەسىلىنى دىپلوماتىيە ۋە سۆزلىشىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلدۇق.شويگۇ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىناغا يېقىن جايدا مانېۋىر قىلغان رۇسىيە ئارمىيىسى چېكىندى.

 

رۇسىيە خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: شايىگو ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگىل بىلەن تېلېفونلاشقاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا ئارمىيىسى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەرىكەت قوللانماسلىققا كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ، رۇسىيە قوشۇن چېكىندۈردى.
ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسىنىڭ باياناتچىسى 28-ئاپرېل مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى شايىگو ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگىل بىلەن تېلېفونلاشقاندا رۇسىيە ئارمىيىسى ئۇكرائىنا چېگرىسىدىن ھالقىمايدۇ دېدى.بۇ باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شويگو رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرمەيدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم كاپالەت بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېلېفوندا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىكى كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. خاگىل شايىگونىڭ رۇسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مەقسىتى، ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى تونۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.ھەمدە مۇۋاپىق ھەل قىلىش لايىھىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىستىكىنى نامايان قىلدى. خاگىل رۇسىيىنى ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بۇزۇش مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشنى توختىتىشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجەت قىلدى.
رۇسىيە خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىيابۇكوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: تاشقى ساھە رۇسىيىنىڭ قىرىمنى يۈتۈۋالغاندىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئەمدىشە قىلىشىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن بۇنداق بىر نۇقتىنى تەكىتلەيمەنكى:بىز ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا قىرىمدىكىدەك ئەھۋالنى پەيدا قىلمايمىز.بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.



خەتكۈچلەر:
01-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek