ئىراندا H1N1 يۇقۇملۇق زۇكىمى يامراپ كەتتى

ئىران پارىس تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 12- ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ غەربىي-شىمالىي قىسىمىدىكى ئىككى ئۆلكىدە H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى ( يەنى چوشقا زۇكىمى ) تارقىلىپ كەتكەن، ئۆتكەنكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە جەمئىي 33 كىشى مۇشۇ خىل يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان، يۇقۇم ئەھۋالى ھەتتا تېھرانغىچە كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىنكەن.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى سايالى مۇنداق دېگەن: كېرمان ئۆلكىسىدە جەمئىي 28 ئادەم چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقىملىنىپ قازا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە تۆت نەپەر ھامىلدار ئايال بار. كېرمان ئۆلكىلىك تىببى ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن بۇيان ئۇلار باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلغان، ھازىرغا قەدەر 600 كىشى دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان.

7- دېكابردىن باشلاپ كېرمان ئۆلكىسىدىكى مەكتەپلەر ئىككى كۈن دەرس توختاتقان، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەھىيە مىنىستىرلىكى مۇتەخەسسىسلەرنى كېرمان ئۆلكىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتكەن.

A تىپلىق H1N1 يۇقۇملۇق زۇكىمى چوشقا زۇكىمىنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتىكى يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاپ كېتىدۇ. 2009- يىلى ئامېرىكا بىلەن مىكسىكىدا A تىپلىق H1N1 يۇقۇملۇق زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، يۇقۇم ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ يىل 6- ئايدا ئېلان قىلغان يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2010- يىلى 8- ئايغا قەدەر جەمئىي 214 دۆلەتتە بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلۈپ، 185 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.



خەتكۈچلەر:
08-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-05-2016
    ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.     ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
09-05-2016
    بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا دادىنىڭ ئۆز قولى بىلەن بوۋاقنىڭ ھاياتىغا «لېنتا كېسىشى» ئۈچۈن، كىندىك كېسىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن بىر دادا بار بول...
08-05-2016
    بىر يىل ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى سىناق قىلىش خىزمىتى تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق ...
08-05-2016
     1. كالپۇك ئىششىش ۋە چىڭقىلىش. بۇ رىئاكسىيە قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆز ياشاڭغىراش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنى لەۋسۇرۇخ ۋە يىمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىششىش ئ...
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
02-05-2016
    يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ: ...
30-04-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغ...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
30-04-2016
     تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
Powered by Leglek