مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بەزى تورداشلار، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار كىتابلاردىن تاللاپ ئېلىنغان ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن، لېي فېڭ، خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي رەھبەرلەر ۋە قەھرىمانلارغا ئائىت تېكىستلەرنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىدىكەن، دېگەن گەپنى تارقاتقان. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن ئىنقىلابىي، ئەنئەنىۋى تەربىيەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە كونا بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار سۆزلەنگەن تېكىستتىن 115 پارچە باركەن، بۇنىڭ ئىچىدە رەئىس ماۋزېدۇڭغا مۇناسىۋەتلىك تېكىستتىن 37سى؛ لۇ شۈننىڭ ئەسىرىدىن 18سى؛ لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان، جياڭجې، خۇاڭ جىگۇاڭ، دۇڭ سۈنرۇي، لېي فېڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي قەھرىمانلار تەسۋىرلەنگەن تېكىستتىن بىر قانچىسى باركەن. يۇقىرىقىلار ئوخشىمىغان نەشىردىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved