ئەمدىلا ئېچىلغان 2015-يىللىق لوس ئانجىلىس ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، ۋولۋو بىر نۇسخا Concept 26 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى بېزىكىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ۋولۋو ئەڭ يېڭى ئىچكى بېزەك لاھىيە ئىدىيەسىنى كۆرگەزمە قىلدى.
ئورگان سۈرىتىدىن قارىغاندا، Concept 26 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى بېزەك لاھىيە ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى، ئاق رەڭلىك خرۇم ۋە ياغاچ گۈللۈگ بېزەك تاختىنى ماسلاشتۇرغان، ھەمدە كۈمۈش رەڭلىك بېزەك سىزىقچىنى ماسلاشتۇرۇپ بېزەپ، يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلەپ ئىچكى بېزەكنىڭ نەپىسلىك تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ماشىنىنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابىغا ئورالما شەكىللىك لاھىيە قوللانغان، مەركىزى كونترول سۇپىسىدا TFT ئېكران ئەنئەنىۋى سىتىرىلكىلىق ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ ئورنىنى ئالغان ھەمدە يول باشلاش سېستىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئۈچ بالداقلىق رولغا ئاق رەڭلىك خرۇم ماسلاشتۇرغان.
يېڭى ماشىنىنىڭ مەركىزى كونترول سۇپىسىدا سېزىمچان ئېكران لاھىيەسى قوللانغان ھەمدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، تاماشا سېستىمىسى، ۋاقىت، كۆك چىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىرلەشتۈرگەن. بۇندىن سىرت، ۋولۋونىڭ ئورگان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى ماشىنا بىر يۈرۈش ئاپتوماتىك ھەيدەش سېستىمىسى تەمىنلىگەن.
بۇ ئاپتوماتىك ھەيدەش شەكىلىدە، يېڭى ماشىنىنىڭ رولى ئاپتوماتىك يىغىلىدۇ، ئوخشاشلا شوپۇر ئورۇندۇقى ئارقىغا يانتۇ بولۇپ، شوپۇرغا تېخىمۇ ئازادە ئولتۇرۇش بوشلۇقى تەمىنلەيدۇ، ئوخشاشلا يېڭى ماشىنىنىڭ شوپۇرغا يانداش ئورنىدا چوڭ رازمىرلىق ئېكران پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ماشىنىنىڭ ئازادىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ۋاولۋو كەلگۈسى يېڭى ماشىنا بېزىكىنى كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە رەسمىي تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved