تېررى: ھەيدىلىدىغىنى مورىنھو ئەمەس، ئەسلىدە توپچىلار ئىدى

         ئالدىنقى ھەپتە چېلسى ترېنېر ئالماشتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، ھىدنىك مورىنھونىڭ ئورنىنى ئېلىپ كۆك قوشۇننىڭ يېڭى ترېنېرىغا ئايلاندى. بىراق چېلسى مەستانىلىرى كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىنىڭ بۇ قارارىنى قوللىمىدى، ئالدىنقى ھەپتە ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە سىتەنفورد كۆۋرۈكى مەيدانىدىكى مەستانىلەر كۆپلىگەن لوزۇنكا چىقىرىپ مورىنھونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېلسى كاپىتانى تېررىمۇ ئۇدۇللا ئەسلىدە بىر قىسىم توپچىلارنى ھەيدەش كېرەك ئىدى دېدى.


      «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررى «دەرۋەقە بىز توپچىلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماي ترېنېرنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، بىز توپچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا مەسئۇل بولىشىمىز كېرەك، بىز بۇ نۇقتىنى يوشۇرۇشنى ئويلىمايمىز. ناۋادا كۇلۇب كۆپلىگەن توپچىلارنى ھەيدىۋەتسە بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن كۇلۇبنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىنى قوللايمەن، ئەمما بەخىتكە قارشى، بۇ قېتىملىق ھەيدەش تەقدىرى ترېنېرغا بېكىتىلىپ قالدى، بىز بۇنىڭغا ئامالسىز.» دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈردى.

      گەرچە تېررى ئىسمىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە كوستا، فابرىگاس، پېدرو، ئىۋانوۋىچ بۇ بىرقانچە نەپەر توپچىلار چېلسى مەيدانىدىكى مەستانىلەرنىڭ ئىسقىرتىشىغا ئۇچرىدى. مەستانىلەر ئۈزۈلۈكسىز يۇقىرى ئاۋازدا مورىنھونىڭ ئىسمىنى توۋلىدى ھەمدە بۇ توپچىلارنى كوماندىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك دەپ قارىدى.

     تېررى بۇنىڭغا قارىتا «جۈمە كۈنى بىز كوماندا ئىچىدە بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، بىز چوقۇم بىرلىشىشىمىز كېرەك دەپ قارار قىلدۇق، بۈگۈن ياكى ئەتىلا ئەمەس، كەلگۈسىدىكى بەش ئالتە ئاينىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق قىلىمىز. مەستانىلەرنىڭ ئىپادىسى ئۇلارنىڭ مورىنھوغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ بەردى، ئۇ بۇ كۇلۇب ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن گۈزەل ئەسلىمىنى بارلىق مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ، دەرۋەقە ئۇلار ھازىر مورىنھونىڭ ئايرىلىشىدىن ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلدى. ئەمما ھازىر ترېنېر كەتتى، قايتا ئاچچىقلانغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق، بىز چوقۇم ئالدىغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
  5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ تۆھپىكار قاپقىچىسى ئاببىياتى بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئا س مىلان كوماندىسى بىلەن رىم كوماندىسى ...
14-05-2016
  2016-يىلى 29-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2:45 دا، 2016-2015-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى سان سىرو پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى قوشماق مادرىد ...
14-05-2016
 بېيجىڭ ۋاقتى 14-ماي سەھەردە، ئۇراگۋاي بۇ يىل يازدا يۈز يىللىق ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 23 ماھىرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىككە سۇئارېز ۋە كاۋانى باشلامچى ماھىر سۈپىتىدە تاللانغان.    ب...
14-05-2016
2016-يىلى 13-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى 8:30 دە، 2016-2015 يىللىق NBA پەسىلدىن كېيىنكى غەربىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ 6- ئۇچرىشىشى ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چاقماق كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تاقا كوماندىسىنى 99-113 نومۇر بىلەن مەغلۇپ قىلىپ،...
14-05-2016
 ئالدىنقى ھەپتە سۇلياۋدىن مېسسىنىڭ كىيىمىنى ياساپ كىيگەن بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم تەھتىدىگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان، ھازىر تېررورچىلار ئىراقتىكى خانلىق مادرىد توپخۇمارلار كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈ...
14-05-2016
   2016-يىلى 14-ماي كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00 دە، 2016-2015-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 38-ئايلانمىسىدا، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا لاكورۇنا بىلەن، بارسېلونا مېھمان مەيداندا گىرانادا بىلەن ھايات ماماتلىق رىقابەتلىشىدۇ. ...
14-05-2016
«كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلشىچە، پارىژ سانت گېرمان مادرىد ئاتلېتكىنىڭ فىرانسىيەلىك ھۇجۇمچىسى گېرىزمانغا قىزىقىپ قالغان. شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىبراھىموۋىچ بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان...
14-05-2016
     ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لېيچېستىر شەھىرى ھۇجۇمچىسى ۋاردى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان. ۋاردى بۇ پەسىل لېچېستىر شەھىرىگە ۋاكالىتەن 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ...
13-05-2016
    گۆتىزنىڭ بۇ پەسىلدە بايرېندا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ بولمىدى، كۆپ قىسىم ۋاقتتا زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى ھەمدە بىرلەشمىدە پەقەت بىر توپ كىرگۈزدى. 23 ياشلىق گۆتىز بۇ يازدا يۆتكىلىشنى ئويلاشتى، ئەنگىلىيە ت...
13-05-2016
      خانلىق مادرىد «ماركا پۇتبولى Facebook مۇكاپاتى»نىڭ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدە ئەزالىرى ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى. خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ناۋاس، مارسېلو، مودرىچ، رونالدو قاتارلىق كوماندا...
Powered by Leglek