كېررى: جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە قوللانغان سىياسىتى مەغلۇب بولدى

      چاۋشيەننىڭ ۋودىرود بومبىسى سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 7-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتى ئاللىقاچان مەغلۇپ بولدى، ھازىر چاۋشيەن بىلەن ئالاقە قىلىشتا بۇرۇنقىدەك كونا ئۇسۇللارنى قوللانغان بىلەن ئاقمايدۇ، دېگەن.   كېررى شۇ كۈنى ئۇنىڭ چاۋشيەننىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىق توغرىسىدا جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

   كېررى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىلگىرى چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىگە قارتا بىز ئىككى تەرەپ ئورتاق رازى بولغان ئالاھىدە ئۇسۇلنى قوللانغان ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىمدا مەن ئېنىق قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى دەپ قويدۇم، بىز چاۋشيەن بىلەن ئالاقە قىلىشتا يەنە بۇرۇنقىدەك كونا ئۇسۇلنى قوللانساق بولمايدۇ.

   جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋاڭيى 7-يانۋار كەچتە ئامېرىكا دۆلەت  ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ھەمدە ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

  كېررى ئامېرىكا تەرەپنىڭ چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىگە قارتا مەيدانىنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرگەن، ھەمدە يەنە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   ۋاڭيى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو  تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسىزلىشىش نىشانى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ، ھەمدە يېرىم ئارالنىڭ تىنچ مۇقىم بولۇشىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

   جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتى كۆپ يىللاردىن بويان ئىزچىل يېقىن بولۇپ كەلگەنلىكتىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئىزچىل جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىغا چوڭ ئۈمىد باغلىغان.

     ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە، سىرتقى ساھەدىكىلەر مۇنداق دەپ قارايدىكەن: جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە تەدبىر قوللىنىشنى كېچىكتۈرۈپ كېلىشى ئاساسلىقى چاۋشيەننىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ بۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتىشى، ھەمدە كورېيەنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا تەسىر دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
08-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek