يەر شارى خەۋەر تورى 4-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسردا «كىرداسە قەتلىئامى» دەپ تونۇلغان داۋادا سوتلانغان 5 كىشى ھەققىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. سوت مەھكمىسى دائىرلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، كىرداسەدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى 183 نەپەر گۇمانداردىن قېچىپ يۈرگەن 5 كىشى جىيزە سوت مەھكىمسىدە سوتلاندى. سوت مەھكىمە ھەيئىتى يۇقارقى داۋانىڭ 2-فېۋرالدىكى سوتتا يۇشۇرۇن قارار قىلىنغان 5 گۇماندارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئاشكارىلىدى. جىنايەتچىلەر ھەققىدىكى ئۆلۈم جازاسى قارارىنى ئاقلاشقا بولىدۇ.
مىسىردا 2013-يىلى 14-ئاۋغۇستتا جىيزەنىڭ كىرداسە رايۇنىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىنغان ۋەقەدىن كېيىن «كىرداسە قىرغىنچىلىقى» نامىدىكى داۋادا سوتلانغان 183 كىشى ھەققىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved