شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئۆكتەبىر، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە 36-نۆۋەتلىك ‹‹پارىژ 20 كىلومېتىرلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى›› ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئۆكتەبىر 36-نۆۋەتلىك ‹‹پارىژ 20 كىلومېتىرلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ›› ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەت تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن جەمئىي 29 مىڭدەك كىشى مۇسابىقىگە تىزىملاتقان . شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا، 1-تۈركۈمدىكى ماھىرلار ئېففىل تۆمۈر مۇنارى يېنىدىكى يېنا كۆۋرۈكىدىن يولغا چىققان ، سائەت 11:00 لەرگىچە بارلىق ماھىرلار يولغا چىقىپ بولغان .
ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹پارىژ 20 كىلومېتىرلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى›› 1979-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ، شۇ يىلى تەخمىنەن 8000 دەك ماھىر قاتناشقان . بۇ مۇسابىقىنى قوللاش ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارىژنىڭ چوڭ يول بۆلەكلىرىدە قاتناشنى چەكلىگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved