ئېلىمىز ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ ۋە تەبىئىي گازنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18 – فېۋرال تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز بۇ يىل باھا ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توكنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ ۋە تەبىئىي گازنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدىكەن.


تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: بۇ يىل باھا ئىسلاھاتىدا ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسى ئەڭ زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلىپ، باھا بېكىتىش مېخانىزمى قائىدىسى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىنىپ، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.


كېيىنكى باسقۇچتىكى باھا ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى تۆۋەندىكىدەك بولىدىكەن:
بىرىنچى، باھا يەنىمۇ قويۇۋېتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن. باھانى قويۇۋېتىش، باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەر ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن. رىقابەت شەرتىنى ھازىرلىغان باھا تۈركۈم بويىچە قويۇۋېتىلىپ، يەرلىك باشقۇرالايدىغان باھا بېكىتىش تۈرلىرى بىردەك تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىكەن.

 

باھا ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ يېڭى باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن ۋە ئېلان قىلىنىدىكەن. مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجە تۈرى %60، يەرلىكنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجە كونكرېت تۈرى ئاز دېگەندىمۇ %30 ئازايتىلىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسى ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئىشى، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ۋە تور تۈرىدىكى تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرى بىلەن چەكلىنىدىكەن.


ئىككىنچى، بايلىق مۇھىتى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. يېزا ئىگىلىكىدە سۇ باھاسىنى ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ياخشى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. يەرلىك سۇ بايلىقى ھەققى، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى يىغىش ئۆلچىمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىكەن. شېنجېن شەھىرىنىڭ توك يەتكۈزۈش، توك تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن. كۆمۈر – ئېلېكتىر باھاسى ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئورنىتىش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. تەبىئىي گاز باھا ئىسلاھاتى تېزلىتىپ، تەبىئىي گاز سودا بازىرى قۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسرايدىغان ئېلېكتىر باھاسى، پار باھاسى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن.


ئۈچىنچى، ئاھالىلەرگە قارىتىلغان پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توكنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ، تەبىئىي گاز باھا تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، بايلىق تېجەش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.


تۆتىنچى، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئاشكارا بولغان باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدىكەن. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، كوللېكتىپ قاراپ چىقىش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، ئامما قاتنىشىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا باشقۇرۇش ھوقۇقى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن – تۈزۈم بويىچە ئاشكارا يۈرگۈزۈلىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش تەننەرخىنى نازارەت قىلىش قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەننەرخنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى چەكلەش كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىشىنىڭ ئىلمىيلىكى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇش، جايىدا باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. مۇھىم تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت باھاسى قويۇۋېتىلىش بىلەن بىللە، ماس باھانى بېكىتىش قائىدىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى بېكىتىلىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ باھا بېكىتىشى قېلىپلاشتۇرۇلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
20-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek