يېقىندا جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە «زىكا ئىسسىقى» يۇقۇمى كۆرۈلدى، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئاھالىلەرنى بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ يۇقۇم رايونلىرىغا بېرىشتىن ساقلىنىشقا ئەسكەرتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ساياھەت ئىدارىسى يەنە ھامىلدار ئاياللارنى جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى يۇقۇم پەيدا بولغان دۆلەتلەرگە بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى زىكا ۋىرۇسىنىڭ بالىلارنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا بىرازىلىيە، كولۇمبىيە، سالۋادور، فرانسىيە گۋىنىيەسى، فرانسىيە مارتىنىكى، گىۋاتېمالا، ھايتى، ھوندۇراس، مېكسىكا، پاناما، پاراگۋاي قاتارلىق 14 دۆلەت ۋە رايوندا زىكا ئىسسىقى كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئارىسىدا بىرازىلىيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەممىدىن ئېغىر.
گېئورگى شەھىرى ئۇنىۋېرستېتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخسىسى لۇسېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش 2-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن. ھازىرغا قەدەر بىرازىلىيەدە زىكا ئىسسىقى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى 1 مىليون 500 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭ ئارىسىدا 3500 ى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن قازا قىلغان. لۇسىنىڭ دېيىشىچە، يۇقۇم ناھايىتى تېز ۋە كۈچلۈك ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved