لى كېچياڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى


شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 16-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى شۇۋېست باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.


شۇۋېست يېقىندا يۈننەننىڭ لۇديەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە زور ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى. لى كېچياڭ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.


لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە تەرەققي قىلغان دۆلەت، ھەمكارلىقتا ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىستىقبالى پارلاق. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەت بىللە ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، پارلامېنت، پارتىيە قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا، رايون مەسىلىسى ۋە دۇنياۋى خىرسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەنى ساقلاپ قېلىش روھى بىلەن ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، لەۋزىدە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۇقىم ئەتراپ مۇھىتىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ، ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنى قوغدىغۇچى ۋە تۆھپە قوشقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەمىزگە ماس كېلىدىغان خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئاۋالقىدەكلا ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچىلىقىنى قوغدايمىز، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
شۇۋېست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


لى كېچياڭ يەنە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، جۇڭگو ئامېرىكا ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.



خەتكۈچلەر:
18-08-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
25-04-2016
    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت-تەرتىپتىن قارىغاندا، لوندون يەرشارىدىكى م...
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
Powered by Leglek