ئۈندىدارنىڭ ۋىندوۋس 2.0 نۇسخىسى يېڭىلاشقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقى نەشىردىكىسىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ قېتىملىق نەشرىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولسا يېڭىدىن قوشۇلغان ساقلاش ئىقتىدارى ئىكەن. بۇندىن بۇرۇن ۋىندوۋس نەشرىدە دوستلار چەمبىرىكى ئىقتىدارى قوشۇلىدىكەن دېگەن خەۋەر تارقالغان، ئەمما بۇ قېتىملىق نەشىرىدە دوستلار چەمبىرىكى ئىقتىدارى قوشۇلمىغان.
ئۈندىدار ئورگان تور بېتىنىڭ تونۇشتۇرىچە: ئۈندىدار ۋىندوۋس 2.0 نەشرىدە يېڭىدىن قېتىلغان ئىقتىدار بولسا، ئۈندىداردا ساقلاپ قويغان مەزمۇنلارنى ھەر ۋاقىت كۆرگىلى بولىدىكەن ھەمدە خاتىرە يازغىلى بولىدىكەن. كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇچۇر يوللىغان ۋاقىتتا ئابونتقا ھەر خىل چىراي ئىپادىلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن. يەنە يېڭىدىن كارخانىلار نومۇر ئىقتىدارى قوشۇلغان.
بەت يۈزى لاھىيەسىدا: مۇشتەرى بولۇش كۆزنىكىنى ئېچىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان. مۇشتەرى بولۇش كۆزنىكىنى چەككەندىن كېيىن، ئالاقىدار مۇشتىرى بولغان (قوشۇۋالغان سالون) نومۇرلار بەت يۈزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە پەيدا بولۇپ، ئابونتلارنىڭ كۆزنەكلەرنى تەكرار چېكىپ ئېچىشىنى ئازايتىدىكەن. بۇ ئىقتىدار مۇشتەرى بولۇش كۆزنىكىنىڭ ئېچىش شەكلىگە ياردىمى چوڭ بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇندىن بۇرۇن خەۋەردە ئېيتىلغاندەك ئۈندىدار ۋىندوۋس 2.0 نەشرىدە دوستلار چەمبىرىكى ئىقتىدارى قوشۇلغۇدەك دېگەن خەۋەر تارقالغان. ئەمما ئۇ ئىقتىدار بۇ نۆۋەتتىكى نەزىردە ئەپسۇسكى قېتىلمىغان.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved