كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى - ئەتىگەن. خىمىيىلىك تەكشۈرتمەكچى بولغاندا قورساق ئاچ بولۇش كېرەك، ئەگەر ئاغرىقنىڭ دىمى سىقىلسا چۈشتىن بۇرۇن تەكشۈرتسە كېسەللىك ئەھۋالى ئەڭ روشەن بايقىلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا ئۆپكە ئىقتىدارى ئەڭ ئاجىز بولىدۇ.
ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى - چۈشتىن بۇرۇن. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ئاغرىقلاردا چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00–4:00 تە ئەڭ ئاسان مەسلە كۆرۈلىدىكەن. ئەكىسچە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دىن چۈشكىچە بولغان ۋاقىتتا ئەڭ بىخەتەر بولىدىكەن. بۇ خىل تەتقىقاتتىن يەنە ئاغرىقلاردا چۈشتىن كېيىن ئاغرىش ئاۋازى ئەڭ روشەن بولۇش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىپ بىئارام بولۇش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنىڭ ئاسان كۆرۈلىدىغانلىقى بايقالدى.
چىش دوختۇرىغا كۆرۈنىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت -چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00–3:00. تەتقىقات نەتىجىسى چۈشتىن كېيىن ناركوز ئۇكۇلى ئۇرۇلغان ئورۇندىكى ناركوز دورىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئەتىگەن ۋە كەچتىكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
پۈتۈن بەدەنلىك تېرە تەكشۈرتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى - قىش پەسلى. بۇ مەزگىلدە تېرە ئەڭ سۈزۈك بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئادەتتىكى داغ ۋە ئۆسمىلەرنى ئاسان بايقىغىلى بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved