ئامېرىكا «ۋاشىنگتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 8-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكىنىڭ غەربىدىكى سىنالويا ئۆلكىسىدىكى موگېلى شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر ئالتۇن كان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 900 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن بۇلاپ كېتىلگەن، بۇنىڭ تەركىبىدە 7000 ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇن بار بولۇپ، باھاسى 8 مىليون 400 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 52 مىليون 110 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) كېلىدىكەن.
بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان كاننىڭ ئېچىش سودىگىرى، يەنى كانادا كانچىلىق شىركىتى McEwen مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مەزكۇر شىركەت ئالتۇن كاننى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان، بىراق سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بەرگەن تۆلەم سوممىسى بۇ قېتىملىق بۇلاڭچىلىقتا تارتقان زىياننى تولدۇرۇپ بېرەلمەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كاننىڭ بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئەڭ ئاۋۋال McEwen شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىر مېكسىكا يەرلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved