ۋېنسۇئېلادا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ 31 ئادەم قازا قىلدى

ۋېنسۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش داۋاملاشماقتا


خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : 20-مارتقىچە ، ۋېنسۇئېلادا بىر ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قالايمىقانچىلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 31 غا يەتكەن ، 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان . ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى نامايىش ئەڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان رايوندا ئىككى نەپەر ئۆكتىچى شەھەر باشلىقىنى قولغا ئالغان .


ۋېنسۇئېلا باش تەپتىشىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 20-مارت بىلدۈرۈشىچە ، بۇ يىل 12-فېۋرالدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە كۆپ قېتىم نامايىش پارتلاپ ، نامايىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقتا ئاز دېگەندە 31 ئادەم قازا قىلغان ، ئۇنىڭ ئىچىدە 25 ى ئادەتتىكى پۇقرا ، ئالتىسى بىخەتەرلىك خادىمى ياكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، قالايمىقانچىلىقتا ئاز دېگەندىمۇ 461 ئادەم يارىلانغان . ئۇنىڭدىن باشقا 1854 ئادەم قولغا ئېلىنىپ ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان .


12-فېۋرالدىن باشلاپ بۇ دۆلەتتىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ھۆكۈمەتكە قارشى چوڭ كۆلەمدە نامايىش قوزغىغاندىن بۇيان ، ۋېنسۇئېلانىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن . تەھلىل قىلىنىشىچە ، ۋېنسۇئېلادىكى نامايىشچىلارنىڭ ھەيۋىسى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈشىگە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ ، لېكىن ئۆكتىچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نامايىشنى توختاتمايدىغان بولغاچقا ، قالايمىقان ۋەزىيەت يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىنكەن .

 



خەتكۈچلەر:
22-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek