ئىراق 73 نەپەر ISIS قۇراللىقى ئۆلتۈرۈلدى
يەر شارى خەۋەر تورى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراقنىڭ ئەنبار ، سالاھۇددىن ۋە مۇسۇل رايۇنلىرىدا تېرور تەشكىلاتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى «ISIS» تەشكىلاتىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە 73 نەپەر ISIS قۇراللىقى ئۆلتۈرۈلدى. ئەنبار ھەرىكەت قىسمى قۇماندانى گېنىرال مۇھەممەد خەلەف مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق قىسىملىرىنىڭ ئەنبارنىڭ خالىدىيە رايۇنىغا قاراشلىق يېزىلاردا ISIS تەشكىلاتىغا ئائىت 5 نىشانغا ھاۋادىن زەربە بەرگەنلىكى، بۇ ھۇجۇملاردا 29 نەپەر قۇراللىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. سالاھۇددىن ۋىلايىتىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تىكرىت رايۇنىغا قاراشلىق بەيجى بازىرىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ISIS قۇراللىقلىرى ئارىىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 17 قۇراللىق ئۆلتۈرۈلگەن، بەيجى نېفىت مەيدانىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 5 قۇراللىق ئۆلتۈرلگەن. ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ئۈچۈن بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا ۋەيران قىلىنغان.
ISIS قۇراللىقلىرى تىكرىت بىلەن بەيجى ئارىسىدىكى سىينىييە رايۇنىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، بىخەتەرلىك قىسىملىرى قارشىلىق كۆرسەتكەن، نەتىجىدە 12 نەپەر قۇراللىق ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇسۇلنىڭ ساراي رايۇنىدا ISIS قۇراللىقلىرى قارارگاھ قىلىپ ئىشلەتكەن بىر ئۆيدە بومبا پارتىلاپ نەتىجىدە 10 قۇراللىق ھاياتىدىن ئايرىلغان. يېقىندا ئەنبار ۋىلايىتى پارلامېنت ئەزاسى فەرھان مۇھەممەد، ISIS تەشكىلاتنىڭ ئەنبارغا قاراشلىق ئەل-بەغدادى رايۇنى ۋە ھادىسە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىراقنىڭ سۇرىيە چېگرىسىدىكى ئەل-قائىم مەھەللىسىدە توپلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
07-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
|
 |
« يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى » 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند خەلقىنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر ...
|
 |
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تايلاند شاھزادىسى دىپاڭكورن (Dipangkorn Rasmijoti) نىڭ 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ۋەلىئە...
|
 |
ئىككى يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ قولىدا يېمەكلىك ئورايدىغان بىر پارچە قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خادىملارنى ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشل...
|
 |
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى : دىپلوماتىيە مىنىستى...
|
 |
شىنخۇا ئاگېنىتلىقى لوس ئانجېلېس 29-ئاپرېل تېلگىراممىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەلباش نامزاتى دونالىد ترامپ 28-ئاپرېل كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورەيىنىج ناھىيىسىدە سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ي...
|
 |
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ھەمكارلىقى كاتىبات باشقارمىسى2016-يىلى 4...
|
 |
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى :
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان.
خەۋەر قىلىنىشى...
|
 |
كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گىيۇنھى 29- ئاپرېل چوڭۋادى شەھىرىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى قوماندانى كورتىش. سىكارپارورتىغا ۋەتەنپە...
|
 |
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ستېننىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ شىياڭگاڭنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان.
ستېننس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى يېقى...
|