جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق قۇرۇلتىيىدىكى شىنجاڭ زالىغا كېلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەرنى سەمىمىي يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن تەڭ قاراپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە پاراڭلاشتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، رەيھانگۈل ئىمىر، فۇ پۇيەن، سارقىت ئاقان، خالىدە ئابدۇقادىر قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى چۆرىدەپ قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەيھانگۈل ئىمىر ئۈچ يىل ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئوقۇش پۇلىنى غەملەيدىغان ئاددىي قىزدىن ئەمدىلىكتە ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دېرىكتورىغا ئايلانغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىرتتا ئىشلىگەندە ئۆيۈمنى بەكمۇ سېغىناتتىم، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇپ، يېزا ياشلىرىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.
ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دېدى. ئۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى، بولۇپمۇ «قوش تىل»، كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى كەسپىي ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، زامانىۋىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved