ئىسپانىيەدىكى «ئا ب س گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان «3- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: «بۇ بىر مەيدان كىرىزىسنىڭ مۇقەددىمىسى، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى يادرو چوڭ دۆلىتى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ دۇنيانى يادرو ئاپىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھالاك بولۇشىدەك قىيا بويىغا قىستاپ كەلدى».
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جون كىنىدىنىڭ ئىنىسى روبېرت كىنىدىنىڭ يۇقىرىقى سۆزى 1962- يىلى يۈز بەرگەن كۇبادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسىنى كىشىلەرنىڭ يادىغا سالىدۇ. ۋاھالەنكى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى پەيدا قىلغان ئىككى چوڭ دۆلەت ئەينى چاغدا ھەممىنى ھالاك قىلغىلى تاسلا قالغانىدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ يۈز بەرگىنىگىمۇ 52 يىل بولۇپ قالدى. ھازىرقى ۋەزىيەتنى بۇرۇنقىدەك كەسكىن ئەمەس ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كەسكىن، دەپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەپەرەس ئايرىمىچىلار مالايشىيانىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا رۇسىيە زۇڭتۇڭىغا ئەڭ يېقىن بولغان دائىرىگە جازا چارىسى يۈرگۈزدى.
بۇنىڭ بىلەن ئوباما ۋە پۇتىننى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا شەرقتىكى كەسكىن ۋەزىيەت يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ھىدىنى ئەتراپقا تاراتتى. ئامېرىكىدىكى بېلفېر ئىلمى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گراھام ئېلىسون «ئاتلانتىك ئوكيان» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا قانچىلىك قالغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە 1914- يىلى بىلەن 2014- يىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەتتە خىل ئوخشاشلىقى ۋە يەتتە خىل پەرقىنى بايان قىلدى. ئوخشاشلىق
1. سيۇسىدىدېس توزىقى گراھام ئېلىسون «سيۇسىدىدېس توزىقى» بىلەن ئىمپېرىيەنىڭ ئۆز ھوقۇق - مەرتىۋىسى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىكى تەشۋىشى ۋە قورقۇنچ ھېسسىياتىنى تەسۋىرلىدى.
قەدىمكى يۇنان ۋە سپارتاك ئارىسىدا دەل مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن. 1914- يىلىدىكى بۈيۈك بېرتانىيە ئىمپېرىيەسىدىمۇ گېرمانىيەگە نىسبەتەن مۇشۇنداق قورقۇنچ ھېسسىياتى شەكىللەنگەن. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۇنيا خوجىسى مەرتىۋىسىگە جۇڭگونىڭ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
2. بىر مەيدان «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش» ئانچە ئەقىلگە سىغمايدۇ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇرۇش ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى. مەسىلەن، مۇستەملىكە ئۇرۇشى، قىسمەن توقۇنۇش دېگەندەك، بىراق ھېچكىم كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش پەيدا قىلمىغانىدى.
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا خېلى تىنچىپ قالغانىدى. يادرو قورالى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى بۇ خىل تىنچلىقنىڭ مۇقىملىشىشىغا خېلى تۈرتكە بولغانىدى. دەل مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا بېقىنىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالاك بولۇشتەك قورقۇنچ كەيپىياتى ھازىرقى ۋەزىيەتتە توقۇنۇش يۈز بېرىشنى «تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز» ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
3. ئۆزئارا بېقىنىش مەيلى 1914- يىلى بولسۇن ياكى 2014- يىلى بولسۇن، ئۆزئارا بېقىنىش مۇناسىۋىتى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھالقىلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكلەردىن ئىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سەرخىللىرى ئوخشاش بىر ئالىي مەكتەپتە تەربىيەلىنىپ چىققانىدى. ھازىر جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ 2- چوڭ سودا شېرىكى، شۇنداقلا ئامېرىكا جۇڭگو ماللىرىنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت، شۇڭا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك.
4. مىللەتپەرۋەرلىك 1914- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسى پارچىلىنىشقا باشلىدى. سېربلار بۈيۈك سېربىيە قۇرماقچى بولدى. رۇسىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى بالقان رايونىدىكى ھوقۇققا ئېرىشمەكچى بولدى. 2014- يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى تۈپەيلى توقۇنۇشۇپ قالدى. ياۋرو كىرىزىسى بولسا ياۋروپادىكى مىللەتپەرۋەرلىك دولقۇنىنى پەيدا قىلدى.
5. ھەربىي كۈچ 1914- يىلى ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە سىجىل داۋاملاشقان تەھدىت ئىچىدە قېلىپ، رۇسىيە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق رەقىبى بولۇپ قالدى. فىرانسىيەنىڭ دىققىتى فىرانسىيە - گېرمانىيە چېگرا رايونىغا مەركەزلەشتى. بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەت دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. 2014- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاتالمىش «تەھدىتكە قارشى رايون» قۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ پىلان ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلاندۇر.
6. غەلىتە ئىتتىپاقداشلىق ھېنرىي كېسىنگىر ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى «دىپلوماتىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ماشىنىسى» دۇر. مەسىلەن، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقدىشى جۇڭگونىڭكىدىن كۆپ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئەگەر جۇڭگو ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلسا، ئۇنداقتا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن جۇڭگو ئامېرىكىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان بولىدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشىمۇ دەل مانا مۇشۇنداق پارتلىغان. ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى پاتقاققا سۆرەپ كىرگەنلىك بىلەن باراۋەر.
7. ھوقۇق ۋەسۋەسىسى گراھام ئېلىسون مۇنداق بىر مىسال كەلتۈردى: 1914- يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى رۇسىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ بالقان قۇللىرىغا قىلغان شېكەر - شەربەت سۆزلىرى بىلەن ھالاك بولغانىدى. ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى فرانېز جوسېفنىڭ نەزىرىدە ۋەلىئەھدىنى سارايېۋوغا ئەۋەتىش قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ھوقۇقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىدى. قالغان ئىشلار تارىخ بېتىگە يېزىلغان پېتى بولدى. بۈگۈنكى ياپونىيە كۆپ يىللىق زاۋاللىق ۋە پۇل قىس بولۇش مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، قايتىدىن قوراللىنىپ، جۇڭگو ۋە چاۋشيەننىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى. پەرق 1. مەدەنىيەت توقۇنۇشى سەميۇل خانتىنتوننىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، 2014- يىلى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارىسىدىكى قىممەت قارىشىنىڭ پەرقى 1914- يىلىدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزگەن. 2. ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچىنىڭ تىزگىنلىنىشى 1914- يىلى ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قەرز بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت ھېسابلىناتتى.
2014- يىلى بولسا ئامېرىكا دۇنيادىكى قەرزى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ قەرزلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى جۇڭگو ئامېرىكىغا بەرگەن، شۇڭا جۇڭگو ئۆزىگە نۇرغۇن پۇل قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان بۇ دۆلەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ. 3. جۇغراپىيەلىك شارائىت 1- دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يۈز بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ناۋادا جۇڭگو ياكى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن دېسە، بىر ئوكياندىن ھالقىپ ئۆتمىسە بولمايدۇ. 4. يادرو قورالى ۋە قىرغىنچىلىقى زور قوراللار بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن يادرو ئۇرۇشى ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلىۋېتەرمۇ؟ دەيدىغان ئەندىشە يوق ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئەندىشە رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى ھەمدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بۇ خىل توقۇنۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى. 5. ھەربىي تەڭپۇڭلۇق 1914- يىلى ھەممە نەرسە ئېنىق ئايرىلغانىدى: ئەنگلىيە دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى، گېرمانىيە ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە بولغانىدى، فىرانسىيە ۋە رۇسىيەمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىدا قالمىغانىدى. 100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلغان دۆلەتنىڭ بىرەرسىمۇ غەلىبە قىلىپ باقمىدى.
6. تېخنىكا ۋە ئاشكارىلىق 1914- يىلى كىشىلەر گېرمانىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى مەخپىي يۆتكىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باش ئىشتابى گېرمانىيەنىڭ ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى پەقەت باش ئەلچىخانا ياكى ئاخبارات خادىملىرى يەتكۈزگەن تېلېگرامما ياكى خەت ئارقىلىقلا ئوقۇيالايتتى. بۇنىڭ خەتىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ، مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى ئىدى، ئەمما ھازىرقى زاماندىكى ئالاقە بۇنىڭدىن خېلىلا ئىلغار. 7. قۇرۇلما ۋە دۇنيا سىياسىتى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن دۇنيا ھوقۇقى ئېنىق ئايرىلغانىدى، ھەتتا دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشقانىدى. يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت يوق ئىدى. ھازىر گەرچە جۇڭگونىڭ تەھدىت كۈچى مەۋجۇت بولسىمۇ، رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىمۇ، لېكىن يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقىنى يەنىلا ئامېرىكىدۇر.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved