بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۈگۈن بېيجىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېتى ئارقىلىق 3 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چاۋياڭ رايونىدىكى ئۆي-مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچى خادىملىرى چولپان ۋاڭ فېينىڭ بۇ يەرگە كەسىپ بېجىرگىلى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىپ، خىزمەت رايونىدا ئەتراپنى چۆرىدەپ قاراپ تۇرۇپ، سۈرەتكە تارتىپ، ئىمزا قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، نورمال خىزمەت تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. بېيجىڭ چاۋياڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى فەن مىڭيۆگە پارتىيە ئىچىدە تۇرغۇزۇپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى. رەسىمدە ۋاڭ فېينىڭ گىرىمسىز ھالەتتە ئۆي-مۈلۈك مەركىزىدە پەيدا بولغان كۆرۈنۈشى.
ۋاڭ فېي كەسىپ بېجىرىپ بولۇپ ئايرىلغاندىن كېيىن، ۋاڭ فېيغا كەسىپ بېجىرگەن خىزمەتچى خادىم خىزمەت ئۇچۇرىنى ياخشى ساقلىماي، باشقا خىزمەت خادىملارنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئارخىبىدىكى ۋاڭ فېينىڭ سۈرىتىنى تارتىۋېلىشقا يول قويغان، يەنە كۆزنەك ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىشىغا يول قويغان ھەمدە بۇلار توردا ئاشكارىلىنىپ، ياخشى بولمىغان تەسىر پەيدا قىلغان. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى فەن مىڭيۆگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى، چاۋياڭ شەھەرلىك ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ مەركەز خىزمەتچى خادىمى ليۇ جېنيى، خەن تىڭتىڭ، لىنەنگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved