كورىيەنىڭ «ئاسىيا ئىقتىساد گىزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا كورىيەنىڭ كۆپ ماكانلىق سەنئەتكارى خې لىشىيۇ كىلەر يىلى ئارتىس سالاھىيتى بىلەن قايتىپ كىلىدىكەن، بۇ ھازىر قىزىق جامائەت پىكىرى مۇنازىرە نوقتىسى بولۇپ قالدى.
30-چىسىلا ئەھۋالدىن خەۋىرى بار بىر زاتنىڭ ئېيتىشىچە خې لىشىيۇ كىلەر يىلى ئارقا-ئارقىدىن كىنو-تىلىۋىزيەلەردە رول ئالىدىكەن ھەم شۇ ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىگە قايتىپ كىرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خې لىشىيۇنىڭ ۋاستىچى شىركىتى يەنە جۇڭگۇ قاتارلىق باشقا ئاسىيا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن كېڭىشىپ، خەلقئارا بازارغا يۈرۈش قىلماقچى ئىكەن.
بۇ زات يەنە مۇنۇلارنى تولۇقلىما قىلدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى خې لىشىيۇ ناخشىچى سالاھىيىتى بىلەن سەھنىلەرنى جانلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ رول ئېلىش ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەشىق قىلىپ، كىنو-تىلىۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ.
يىل ئاخىرىدا خې لىشىيۇ جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى چوڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تەكلىپنامىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ھازىر جۇڭگۇدا خېلى كۆپ ھەۋەسكار تاماشىبىنلىرى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved