2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىدىكى بىر ئەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باشقىلار گەندە چېچىۋەتكەنىدى. ئۆي ئىگىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋال ئون نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئىشىكى ئالدىغا كۆزىتىش كامىراسى ئورناتقاندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىغا گەندە چاچقان كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۆي ئىگىسى ئەر بۇ ئىشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ، ئاخىرى ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىغان ھەم ئىشىك ئالدىغا گەندە چاچقان كىشىنى كۆرگۈچىلەرگە 500 يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
2014-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئشىكى ئالدىغا باشقىلار دائىم ئەخلەت ۋە گەندە تۆكۈپ قويغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايغا قەدەر بۇ خىل ئىش ئون نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن، 2015-يىلى 3-ئايدا ۋاڭ ئەپەندى ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدورغا كۆزىتىش كامىراسى ئورناتقاندىن كېيىن ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ئەخلەت ۋە گەندە تۆكۈپ قويىدىغان كىشىنىڭ ئايال كىشىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشى ھەر قېتىم كەلگەندە كۈنلۈك كۆتۈرۈپ، يۈزىگە ماسكا تاقاپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن چىرايىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمىغان.
![]() |
يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved