يولدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئايال ئىككى بالىسىنى ماشىنىلار مېڭىۋاتقان يولغا تاشلاپ قويدى

      سىشى لوڭشەن تېغى بۆلىكى G329 دۆلەت يولىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋەقە يۈز بەردى. ئانا ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنى ماشىنىلار مېڭىۋاتقان يولغا تاشلاپ قويدى، ئاقىۋەتتە 14 ئايلىق بولغان بالىسىنى ماشىنا بېسىۋېتىپ نەق مەيداندا قازا قىلدى، ئالتە ياشلىق بالىسىنى بەختكە يارىشا يولدىكى كىشىلەر قۇتۇلدۇرۇۋالدى.


     ئەينى ۋاقىتتا بېكەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ماشىنا ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيشىچە بۇ ئايال بالىسىنى ئىككى قېتىم يولغا تاشلاپ قويغان. بىرىنچى قېتىم بىر كىچىك پىكاپنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما پىكاپ ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەچكە بالىلار قۇتۇلۇپ قالغان. ئىككىنچى قېتىم ئايال بالىسىنى كۆتۈرۈپ يىراقتىن كېلىۋاتقان چوڭ يۈك ماشىنىسنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويغان، بۇ قېتىم يۈك ماشىنىسى ئۆزىنى ئېلىپ قاچالمىغان. بۇ ئايال بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي چوڭ بالىسىنىمۇ ماشىنىلارنىڭ ئارىسىغا ئىتتىرىپ قويماقچى بولغان. بۇ ۋاقىتتا ساقچىلار يېتىپ كېلىپ ئايالنى ئورىۋالغان، بىر خوجايىن بالىنى كۆتۈرۈۋالغان ھەمدە كەينىدىن ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويغان.

      بۇ چوڭ يۈك ماشىنىسىنى ھەيدىگىنى نىڭبودىكى بىر يۈك ترانسپورتى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان چى ئۇستاز بولۇپ، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ھادىسە كۆرۈلۈپ باقمىغانىكەن.

     شوپۇر مۇنداق دېگەن:« ئۇ كۈنى مەن سىشىدىن نىڭبوغا قايتىۋاتقان بولۇپ، ئەسلىدە ئوتتۇرىدىكى يولدا مېڭىۋاتقانىدىم، بىراق بۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم. كىم بىلسۇن، ماشىنىنى ھەيدەپ ئۆتۈۋاتقىنىمدا بالىسىنى چاقنىڭ ئاستىغا تاشلاپ قويدى».

        شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا شوپۇر بۇ ئايالغا :«نېمىشقا ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسەن» دەپ ۋارقىرىغان، ئەمما ئايالنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.«ھېلىمۇ ياخشى ئەتراپتىكى كىشىلەر ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولدى. بۇنى كۆرۈپ بەدەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ رەھىمسىز ئانا بولىدىكەن».



خەتكۈچلەر:
07-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي ئامېرىكا نيۇيورك، «دەرىجىدىن تاشقىرى ئايال قاتىل» داڭلىق ئارتىس كول مورېس (Chloë Moretz) رېستۇراندا پەيدا بولۇپ، ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىپ، ھەر خىل غەلىتە چىراي ئىپادىلىرىنى چىقاردى. ...
14-05-2016
ئەنگىلىيە مۇستەققىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپنىڭ ئىلگىرىكى خوجىدارى فەيسىبۇكتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر ئىشپيۇن، ئۇنىڭغا ئۆل...
11-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) مۇخبىر يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق دوختۇر...
11-05-2016
       رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە يۇگۇ شىركىتى ھەر يىلى پۇقرالار ئارىسىدا ئېىپ بارىدىغان «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر تىزىملىكى» نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە ئ...
10-05-2016
    ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1...
10-05-2016
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: داڭلىق پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى برۇكلىن يېقىندا پراۋا ئالغان بولۇپ، 4-چىسلا ھەشەمەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا چەتئەل ماراقچىلىرى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنغان، برۇ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: لىئوناردو دىكاپىرو قىز دوستى بىلەن جاستىن بىيبېرنىڭ ناخشا كېچىلىكى يىغىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، لىئوناردو يول بويى ماراقچىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چىرايىنى توسۇپ ماڭغانىدى، كەينىدە بولسا ئورۇق، ئېگىز، ئ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى، لوس ئانژېلىس شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق مودېل مىراندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققان بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
08-05-2016
    بىر قانچە كۈن بۇرۇن، شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى ئەسلىدە بۇ روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان، كىشىنى بەك تەقەززا قىلغان فىلىم «Raees» نىڭ كېلەر يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنى، يەنى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ب...
Powered by Leglek