ھىندونېزىيەدە بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن يۇ نىنا گۈزەل رۇخسارى، تاتلىق تەبەسسۇمى ۋە بۇلاقتەك چوڭ كۆزلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تۈرمە ساقچىسى دەپ ئاتالدى.
يۇ نىنا ئەرلەر تۈرمىسىدە ئىشلەيدۇ، كەسپىي مەشىقلەنگەچكە باشقۇرۇش ئىقتىدارى باشقىلاردىن كەم ئەمەس. ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارى بولۇپلا قالماي يەنە «ئېلىشىش تېخنىكىسى»نى ياخشى كۆرىدىغان ماھىر.
يۇ نىنا جاكارتانىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تاڭگېراڭ ئەرلەر 1-دەرىجىلىك تۈرمىسىدە ئىشلەيدۇ. باشتا پەقەت تۈرمىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: باشتا تۈرمىنى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، «خۇددى تېلېۋىزوردا كۆرگىنىمدىكىدەك» دەپ ئويلىغان، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ياش خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نەچچە مىڭ جىنايەتچى تۇرىدىغان جايدا خىزمەت قىلىشتىن «بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم».
تۈرمە ساقچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇ نىنا دائىم جىنايەتچىلەرنىڭ تىل-ھاقارەتلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئاچچىقلانماي، ئەكىسچە ياخشى باشقۇرۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جىنايەتچىلەرنى ئاستا-ئاستا توغرا يولغا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يەنە كېلىپ، نۇرغۇن جىنايەتچىلەر گەرچە جىسمانىي ئەركىنلىكتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى خالايدۇ، ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، تۈرمىدىكى خىزمەتتىن نۇرغۇن قىممەتلىك تەجىرىبىلەرگە ئىگە بولغىلى بولىدىكەن.
قانۇن پەنلىرىدىن باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن يۇ نىنا، ئۆزىنىڭ كۆپچىلىك توردا مۇزاكىرە قىلىدىغان ئوبيېكىت بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ پەقەت ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىگىلا دىققەت قىلماي، خىزمەتتىكى ئىپادىسىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved