سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاۋىسترالىيىنىڭ باش ۋالىيسى پېتىر كوسكوروف تەنتەنىلىك كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋسترالىيە فىدراتسىيسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بۇلىشىنى قارشى ئالدى .
رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى يېتىپ كەلگەندە باش ۋالىي كوسكوروف بىلەن رەپىقىسى كۈتۈۋېلىشقا چىقتى .21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتلىدى .ئارقىدىن باش ۋالىي شى جىنپىڭنى پارات سۇپىسىغا تەكلىپ قىلدى ،ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت بىلدۈردى ،ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى ،دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي ئوركېستىر دېرىژورىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەربىي ئوركىستىرنى كۆزدىن كەچۈردى .ئاۋسترالىيە ئۆسمۈرلىرى خەنزۇ تىلىدا رەئىس شى جىنپىڭدىن ھال سورىدى .بىر ئۆسمۈر پىڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلىدى ،ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز ھەمراھلىرىنى تونۇشتۇردى .
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ كوسكوروف بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى ،كوسكوروف ئاۋسترالىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن شى جىنپىڭنىڭ ئاۋىسترالىيىگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ،رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹باش ۋالىي جانابلىرىنىڭ ئاۋىسترالىيىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىمەن .1998-يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋىستىرالىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدىم ،بۈگۈنكى كۈندىكى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى 26 يىل بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئىدى ،بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئاۋىسترالىيىگە بولغان چۈشەنچەمنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشنى ئۈمىت قىلىمەن .بىز ئىكى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدۇق .جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىم سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى .كەلگۈسىگە نەزەر سالساق جۇڭگو ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق .باش ۋالىي كوسكوروف ئۆمۈر بويى جۇڭگو ئاۋىسترالىيىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ كەلدى .جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا زىيارەتتە ، بىرلەشمە مانېۋېر ،مۇداپىئە كېڭىشى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن جۇڭگو ئاۋسترالىيە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ،رايون ھەمكارلىقى ۋە تىنچلىقنى مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ ›.
كوسكوروف مۇنداق دېدى :‹ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك . ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا كېلىىشمىنى ماھىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇشىغا تىلەكداشمەن .بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە كۈچلۈك ئارزۇسىنى نامايان قىلدى .مەن جۇڭگو ئاۋىستىرالىيەدە ھەربىي ئالاقىسىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ،بىرلەشمە مانىۋېرلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم ›.
ۋاڭ خۇنىڭ ،لى جەنشۇ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved