جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيىسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ھەققىدىكى 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت پىلانىنى تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئاساسلىق نىشانى ۋە ھەرىكەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 2020-يىلىغىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىجادىيەت سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، قوللىنىش ئۈنۈمىنى روشەن دەرىجىدە كۈچەيتىش، قوغداش ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەرىكەت پىلانىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار 12 تۈرلۈك كۆزلىمە كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئۈنۈملۈك قوللىنىش، قانۇن بويىچە قوغداش، ئىلمىي باشقۇرۇش فاڭجېنى بويىچە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوللىنىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىتى، بازار مۇھىتى، مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى.ھەرىكەت پىلانىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى ھەرىكىتى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
1.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىجادىيىتىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. 2.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش. 3.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. 4.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش. ھەرىكەت پىلانىدا مۇنداق ئۈچ چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 1.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى.2. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا قۇرۇلۇشى.3.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved