2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتى
بەش كۈن داۋاملاشقان ««يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ كەسىپتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى-ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان 2015-يىللىق ئاسىيا - ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى 16-ئاۋغۇست شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئاياغلاشتى.
ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، 46 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 824 كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىز كارخانىلىرى 622 بولۇپ، %75.5نى، چەت ئەل كارخانىلىرى 202 بولۇپ، %24.5نى ئىگىلىگەن.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە 149 تۈرگە مەبلەغ سېلىشقا توختام تۈزۈلۈپ، توختام ئىمزالانغان ئومۇمىي سومما 125 مىليارد 929 مىليون يۈەن(خەلق پۇلى)گە يەتكەن، ئىمزالانغان تۈرلەر ئاساسەن توختام تۈرلىرى بولغان. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەرلەر ئىمزالىغان تۈر سوممىسى باشقا ئۆلكىلەر تۈر سوممىسىنىڭ %60.7ىنى، نېفىتتىن باشقا تۈرلەردە ئىمزالانغان سومما سانائەت تۈرلىرىدە ئىمزالانغان سوممىنىڭ %97.5ىنى، ئەلئارا سېلىنما كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %64.4ىنى ئىگىلەپ، بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان.
ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن «ئاچا-سىڭىل» كۆرگەزمە بولغان بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە «ئىخچام، سەرخىل، كەسپىي» بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، توقۇمىچىلىق-كىيىم-كېچەك كەسپى كۆرگەزمىسى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى-يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئىككى ئاساسلىق كۆرگەزمە رايونى، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى، قول ھۈنەر نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمىسى ۋە چەت ئەل نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئۈچ قوشۇمچە كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن. كەسىپلەر مۇنبىرى ۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر يىغىنى، مەملىكەت ئىچىدىكى سودا - مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش پائالىيىتى، چېگرا سىرتىدىكى سودا - مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەر بولۇپ جەمئىي بەش چوڭ تۈر بويىچە 32 قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ بەش كۈن ئىچىدە جەمئىي 92 مىڭ 431 ئادم يەرمەنكىگە كەلگەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved