ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ئاۋىستىرالىيەلىك ئەر-ئايال كامبودژاغا ساياھەتكە بارغاندا بىر كىشىنى ئۇچراتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىچ ئاغرىتقان قالغان. بۇ كىشىنىڭ يۈزىدە پىلنىڭ بۇرنىغا ئوخشايدىغان بىر چوڭ ئۆسمە بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاۋىستىرالىيەلىك ئەر-ئايال توردا دوختۇرلارنى سۈرۈشتۈرگەن ھەمدە ئىئانە يىغىپ بۇ كىشىنىڭ يۈزىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرماقچى بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىشى كوچىدا يۈرىدىغان ماكانسىز سەرگەردان بولۇپ، پېشانىسىدە ناھايىتى چوڭ بىر ئۆسمە بار ئىكەن. بۇ ئۆسمە ئۇنىڭ سول تەرەپ يۈزىنى پۈتۈنلەي توسۇۋالغان. بۇ ئۆسمە خۇددى پىلنىڭ بۇرنىدەك ئۇنىڭ يۈزىنى توسۇۋالىدىكەن. بۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ ئاقكۆڭۈل ئاۋىستىرالىيەلىك ئەر-ئاياللار ئۇنىڭ كېسىلىگە داۋا تېپىشنىڭ كويىدا قالغان بولۇپ، ھەتتا يولدىن ئۆتكۈچىلەردىن بۇ كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىغان. ئۇلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ كىشىنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
كېيىن، بىر سودىگەر ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە ئۆزىنىڭ سىنگاپوردىكى بىر ھۆسىن تۈزەش دوختۇرى بىلەن كېلىشىپ قويغانلىقىنى، بۇ كىشىنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
نۆۋەتتە، بۇ ئاۋىستىرالىيەلىك ئەر-ئاياللار ھېلىقى بىمارغا ياردەم قىلىپ پاسپورت، ۋىزا، ئايروپىلان بېلىتى قاتارلىقلارنى بېجىرىپ بەرمەكچى بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ساغلام ھاياتقا قەدەم قويۇشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved